ئاقسۇ شەھىرى قوش "11 تۈرلۈك تۇزۇم" بەلگىلەپ" جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىگىلەش چارىسىنى يولغا قويغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.07.10
2010.07.10
بەلگىلىمىدە، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر بىرى "ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندە 5 ئائىلىدە" تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش. ھەر بىر خادىم " بىر نۇقتىلىق شەخس بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەر كۈنى يوقلاپ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۆزگەرتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم غەلىتە كىيىنگەن ياكى ساقال - بۇرۇتلىرى ئادەتتىكىدىن پەرقلىق بىر ئادەمگە تەربىيە ئىشلەش" قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ خىل تۇزۇم ئاقسۇ شەھىرى ئاۋات مەھەللە كومىتېتىدا 7 - ئىيۇل رەسمىي يولغا قويۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر خىزمەتلەر " جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش" مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تۈزۈملەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تۈزۈملەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەخسىيىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىكەن.