خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ۋالىيسىنى سايلاپ چىقىش رىقابىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سايىسى ئەكس ئەتمەكتە

25-مارت كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى 4-نۆۋەتلىك ۋالىسىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزمەكچى. 1مىڭ 193 كىشىلىك بىر كومىتېتنىڭ ئەزالىرى بېلەت تاشلاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، 7 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئاۋاز بەرمەيدۇ.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كومىتېت ئەزالىرى چوڭ شىركەت خوجايىنلىرى ۋە ھەرساھە ئەربابلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپىنچىسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە ھازىر، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۆزىگە سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان نامزات لياڭ جېڭيىننى سايلىتىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى خوڭكوڭدىكى باشقا نامزاتلارنى بىئارام قىلغان. ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق سايلامدا دەسلەپتە خوڭكوڭنىڭ سابىق ئىقتىساد ئىشلىرى سېكرېتارى خېنرىي تاڭنى قوللىغان. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسى مەزگىلىدە قىلغان بىر قاتار ناچار قىلمىشلىرى ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، خەلق ئارىسىدا يامان تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى دەرھال تاڭنى تاشلاپ، لياڭ جېڭيىننى قوللاشقا باشلىغان.

بۇ ئەھۋال گەرچە لياڭ جېڭيىنغا يارىغان بولسىمۇ، ئەمما لياڭ جېڭيىن ئۆزىمۇ ئىلگىرى جىنايەت گۇرۇھى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان دېگەنگە ئوخشاش ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە مەخپىي ھالدا ئەزا بولغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جىن پېررى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «بېجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ لياڭ جېڭيىننى قوللاۋاتقانلىقى خەلقنىڭ ئەندىشىنى ئاشۇرۇۋەتتى. چۈنكى لياڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېپىنى تاڭدىنمۇ بەك ئاڭلىشى مۇمكىن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت