خوڭكوڭنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئادەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە يەتكەن

خوڭكوڭنىڭ يول بويى ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى ئادەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە يەتكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى"نىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭدىكى بۇ خىل بۇلغىنىش ئەھۋالى يۇقىرى بولغان كۈنلەر ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى خوڭكوڭ مۇھىت قوغداش ئىدارىسى توپلىغان بولۇپ، 2009 - يىلى جەريانىدا مەركىزىي خوڭكوڭ شەھەر رايونىدا بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان كۈنلەر جەمئىي 44 كۈن بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل بۇلغىنىش دەرىجىسى ئادەم ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان كۈن سانى 2005 - يىلدىكى 39 كۈندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن.

خوڭكوڭ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى باياناتىدا، بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بەزى كىشىلەردىكى يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى بەزى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوخشاش ئورۇندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭكىدىن ئىككى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى جەنۇبىي خىتاي ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان زاۋۇتلار ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قويۇپ بەرگەن كاربون ۋە باشقا زەھەرلىك زەررىچىلەر سەۋەبىدىن بارغانچە ناچارلىشىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.