بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىندا خەلقنى ئازاد قىلىدۇ دەپ ئەمەس، تېررورچىلارنى باستۇرىدۇ دەپ چوڭ ھەربىي قىسىم ئەۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ھەربىي قىسىم خوتەن، قەشقەرلەردە قارشىلىق ھەرىكەت كۆرۈلسىلا ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، پاكىستانمۇ خىتايدىن پۇل ئېلىپ «تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش»قا ئاتلانغاندىن كېيىن، جاڭچۈنشەن ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرلانى رەھىم قىلماي قاتتىق باستۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
مىڭباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1949-يىلى شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا خىتايلارنىڭ سانى ئاران 6% ئىدى. ھازىر بۇ جايدا ھەرخىل نام بىلەن تۇرۇۋاتقان خىتايلار كۆپ سانلىققا ئايلىنىپ بولغاندا، جاڭ چۈنشەن بۇرۇنقى «ئىتتىپاقلىق»، «ياردەم بېرىش»، «باي قىلىش» دېگەن يالغان گەپلەرنى تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى رەھىم قىلماي باستۇرۇش لازىم دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
