خوتەن ناھىيىسى پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

خوتەن ناھىيىسىدە پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن بولۇپ، "شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ناھىيىسى مۇناسىۋەتلىك تاماقلىرى پېنسىيىگە چىقىدىغان كادىرلار چوقۇم "پېنسىيىگە چىقىش ئەھدىنامىسى " گە ئىمزا قويۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.24

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەھدىنامىدە "پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن پارتىيىنىڭ يۆلىنىش، سىياسەتلىرىدە باشلامچى بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئاڭلىق ھالدا قوغداش" قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

ئەھدىنامىدە يەنە، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرى ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە، نامايىشقا، توپلىشىپ ئەرز قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، ھەمدە "پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش" قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.