خۇ جىتاۋنىڭ دېڭىزدىكى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشنى تەشەببۇس قىلىشى ئىنكاس پەيدا قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەسىدە قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ « خىتاي دېڭىز رايونلىرىدىكى مەنپەئىتىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداپ، دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېڭىزدىكى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك» دېگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ بولغۇسى ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشى دەرھال خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشقا چاقىرغان. باياناتچى نائوكو سائىكى « خىتاي لىدەرلىرىنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى زورايتىشنى تەشەببۇس قىلىشى ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەس. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم بۇنى تىنچلىقپەرۋەرلىك بىلەن خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي بىلەن جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا سەنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى يېقىندىن بۇيان كەسكىنلىشىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرگە تۇتقان زوراۋان پوزىتسىيىسى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خۇ جىنتاۋنىڭ ھەربىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئېچىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت