خۇجىنتاۋنىڭ شىنجاڭ زىيارىتى بىر يېڭى ئىسلاھاتمۇ؟

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيىلىرى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىزمەت كۆرسەتتى، بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قۇدرىتى، دېگەن باھاسىنى شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى ئىسلاھات، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش' پەيدا قىلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-08-26
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 7‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن تىنج نامايىشىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈش، خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايلار ئۆز مەھەللىلىرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە 1949‏ - يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، خىتايلار ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بارغانسىرى كۈپلەپ ئېقىپ كېلىشكە باشلىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىشىغا باشلىغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە، خىتايدا بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارشىلىق ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان، خۇ جىنتاۋ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 8 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن ۋاز كېچىپ، دەرھال قايتىپ كەلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ 'شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز'، 'خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز' دېگىنى يالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلارغا ئىلھام بەردى، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باستۇرىدىغانلىقىنىڭ يېڭى سېگنالى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت