خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەر شارى يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ئاينىڭ 12 - ۋە 13 ‏- كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەر شارى يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىدىغان ياكى ئۇچراشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.02

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېقىندىن بېرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەم پۇل - مۇئامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تۇغۇلغان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن جىددىيچىلىك پەيدا بولغان ئىدى.

ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي "ئىراننىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى"نى تەكىتلىگەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگونى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىلانىغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى ئالدىنقى كۈنى بىر ئاز يۇمشاپ، ئىمبارگو توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا بولسا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.