كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا Sakharov مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ياۋرۇپا پارلامېنتى، خىتاي تۈرمىسىدە جازالىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي ئەھمىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان Sakharov مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.23

ياۋرۇپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى، Sakharov ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى خۇ جياغا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.

خۇ جيا خىتايدا مۇھىت قوغداش، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 12 ‏ - ئايدا قولغا ئېلىنىپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان ئىدى. خۇ جىيا قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن تېلېفۇن ئارقىلىق ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھىم پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن.

خىتاي مۇشۇ ھەپتە، خۇ جيانى جىنايەتچى دەپ جاكارلاش بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خۇ جيانى مۇكاپاتلاش ھەرىكىتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ياۋرۇپا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭنىڭ بۇ خىل بېسىملىرىنىڭ سەلبىي تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.