گەرچە تارو ئاسسو ئۆزى بۈگۈن ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ياسۇكۇنىغا بىر تۈپ گۈللۈك چىنار سوغا قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ ئاسىيادىكى قوشنىسى خىتاي بۇنى 'ياپون مىللىتارىزىمىنىڭ تىرىلىش بەلگىسى' دەپ جاكارلاپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىمۇ بۇنىڭغا ئەپسۇلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
'ياسۇكۇنى' ياپونىيىدە، ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياپونلار (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىمۇ بار) دەپنە قىلىنغان چوڭ مۇزېي ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ 2001 - يىلىدىن 2005 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلىپ تۇرغانلىقى خىتاينىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكەن ئىدى.
