كۆپ ساندىكى ياپونلار خىتايدىن نارازى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.12.07
2008.12.07
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاممىنىڭ رايىنى سىناشتا ياپونىيىدىكى جۇڭگوغا ياخشى ھېسسىياتتىكى ياپونلارنىڭ نىسبىتى %31.8 كە چۈشكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %2.2 تۆۋەنلىگەن.
بۇ 1978 - يىلىدىن بۇيانقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتايغا ياخشى ھېسسىياتتا بولمىغان ياپونلارنىڭ نىسبىتى %66.6 كە كۆپىيىپ، ئىلگىرىكىدىن %3.1 ئاشقان ھەم تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.
ياپونلارنىڭ خىتايغا نارازى بولۇش كەيپىياتىنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن خىتاي خەلقىدىكى مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدا تەييارلانغان زەھەرلىك جۇۋاۋا مەسىلىسى، ناچار سۈپەتلىك يېمەكلىكلەر ۋە تاۋارلارمۇ ياپون ئىستىمالچىلىرىنى نارازى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ دەرسلىكى ھەمدە ياپون رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار داۋاملاشماقتا.
ياپونىيە خەلقىنىڭ خىتايغا ياخشى ھېسسىياتتا بولۇش كەيپىياتى 1980 - يىللاردا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بولغان ئىكەن. ئۇ چاغدا خىتاي ياپونىيىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقان، ياپونلارنى خىتايغا كېلىشكە، مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلغان يىللار ئىدى.