ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ
ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ياپونىيىدە چىقىدىغان نۇقتىلىق گېزىتلەردىن بىرى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن مەزكۇر خەۋەرنى تارقاتقان. بۇ ياپونىيىدىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مانېۋىر ئامېرىكا - ياپونىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 7 - فلوتى مەشىققە ياردەم بېرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ گېزىت مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ياپونىيە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەي كەلگەن. ئەمما يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئوكىناۋا ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئاراللاردا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇ خىل ۋەزىيەت ياپونىيىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزگەن بولۇپ، ياپونىيە بۇ قېتىملىق مانېۋىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غەربىي جەنۇبتىكى ئاراللارنى قوغداشتىكى ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ، خىتاينى تېزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.