ياپون مىللەتچىلىرى نامايىش قىلىپ ياپونىيىنىڭ خىتايغا دىپلوماتىيە جەھەتتە يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

شەنبە كۈنى، بىر قىسىم ياپون مىللەتچىلىرى نامايىش قىلىپ، ياپونىيىنىڭ خىتايغا دىپلوماتىيە جەھەتتە يېڭىلىپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.10.02

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىشقا 1500 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار توكيودىكى "يوگوگى" باغچىسىغا يىغىلغان. نامايىشچىلار قوللىرىدا ياپونىيىنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىپ "كان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە باش ئەگكەنلىكىگە ھەرگىز چىداپ تۇرالمايمىز،" دەپ شوئار توۋلىغان.

نامايىشنى ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ سابىق ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى توشىئو تاموگامى ياپون مىللەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىكەن.

توشىئو تاموگامى، ياپونىيىنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە شەكىللەنگەن "تىنچلىقپەرۋەر ئامىللارنى تازىلاش" قا چاقىرىپ، ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2008 - يىلى ئۆكتەبىردە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

تاموگامى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، "خىتاي 'سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىزنىڭ' دەپ جاكارلىدى ۋە جەنۇبتىكى ئوكىناۋا ئاراللىرىغىمۇ كۆز تىكمەكتە. ئەمدى دۆلەت مۇداپىئە كۈچىمىزنى ئاشۇرىدىغان پەيت كەلدى،" دەپ مۇراجىئەت قىلغان.

نامايىشچىلار توكيو شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ "باتۇر ياپونلار جەڭ قىلىدۇ. مەغرۇر ياپونىيىلىكلەر جەڭ قىلىدۇ" دەپ شوئار توۋلىغان.

ياپونىيە دائىرىلىرى ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى توسۇپ قالغان ۋە كاپىتانى قولغا ئالغانىدى.بۇ ۋەقە خىتاي ياپونىيە ئارىسىدا دىپلوماتىك يىرىكلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.