ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى

11 - مارت كۈنى ياپونىيىدە يۈزبەرگەن زور يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى زور كۆلەمدىكى تەزىيە بىلدۈرۈش شەكلى بىلەن ۋەقەنى ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، يەكشەنبە كۈنى توكيو شەھىرىدىكى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىردا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن شۇنىڭدەك سائەت 2دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنى، بىر يىل ئىگىلىرى يەر تەۋرىگەن پەيتتە، پۈتۈن ياپونىيە خەلقىنىڭ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇشى بەلگىلەندى.

توكيودىكى مەزكۇر مۇراسىمغا ياپونىيە خان جەمەتى قاتارلىق دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان.

ئۆتكەن يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان سۇ ئاپىتى ۋە باشقا ھادىسىلەردە 19 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. فۇكۇشىمادىكى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان رادىئاتسىيە تەسىرى ياپونىيە جەمىيىتىگە كۈچلۈك زەربە بولغان ئىدى.