بلۇمبېرگ تورىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىشنى ياپون مىللەتچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، سابىق ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ باشلىقى توشىئو تاموگامى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، نامايىشقا قاتناشقان ئوساكا شەھىرىنىڭ سابىق ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى خىروشى مىياكې خىتاي تىنچ ئۇخلاۋاتقان ياپونىيىلىكلەرنى ئويغىتىۋەتتى دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ياپونىيە خەتەر ئىچىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
بۇ يىل سېنتەبىردە بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلا كەلگەن ۋە شۇ جايدىكى ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. نەتىجىدە ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى خىتاي بېلىقچىلارنى قولغا ئالغان. باشقا بېلىقچىلار ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى 17 كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، قويۇپ بەرگەن ئىدى.
بۇ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن. خىتاي بېلىقچىسى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ بىر قىسىم ياپونىيىلىكلەر ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا يۇمشاق دىپلوماتىيە قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىق نامايىشى قىلغان ئىدى.
20 سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ياپونىيە پۇقراسىنى ھەربىي ئورۇنلارنى قانۇنسىز رەسىم تارتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ قالغان. بۇلارنىڭ 3 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىر نەپىرىنى 9 ئۆكتەبىرگىچە تۇتۇپ تۇرغان ئىدى.
شەنبە كۈندىكى نامايىشقا 3200 ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 31 ياشلىق نامايىشچى يۇكو يامانوئى خىتاينىڭ سېنكاكۇ مەسىلىگە 4 ياپونىيىلىكنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش يولى بىلەن قايتۇرغان ئىنكاسى، مېنى بەك غەزەپلەندۈردى دېگەن ۋە بۇندىن كېيىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەرقانداق نەرسىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.