ياپونىيىدىكى ئاپەتتە ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ياپونىيىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ھەم دېڭىز تاشقىن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئىككى مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.03.13

مىليونلىغان ئادەم ئېلېكترسىز قالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەنە بەلكى بۇ ئاپەتلەرنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

ياپونىيە باش مىنىستىر نائاتو كان بۇ ۋەقەنىڭ 2-جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

13-چېسلا كۈنى فۇكۇشىمادىكى ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق گۇرۇپپىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان. چۈنكى، يادرولۇق ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئاتوم رېئاكتورىنىڭ خىزمىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بۇنىڭ پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

170 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ جايدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قانچە ئون كىشىنىڭ رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھۆكۈم قىلىنغان. ياپونىيە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا سالغان. 

ياپونىيە تەرەپ يەر تەۋرەشنىڭ 9 بالغا يەتكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.