ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى شەرقي فۇجى تاغلىرىدا ئېتىش مەشقى ئۆتكۈزدى
بۇ، تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ئۇرۇنغان قىسىملىرىنى يوقىتىش مەشقى بولدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەشققە ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ 2400 جەڭچىسى 80 تانكا، برۇنىك، 80 زەمبىرەك ۋە ئەڭ يېڭى تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپىلانلار، تىك ئۇچارلار بىلەن قاتنىشىپ، فۇجى تاغلىرىدىكى مىنالاشتۇرۇلغان رايوندا ئېتىش مەشقى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئېتىش مەشىقىنى 28 مىڭ ئادەم كۆرگەن.