خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق 44 دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى توختىتىش ھەم ئاتوم ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەدە پارتلىغان ئاتوم بومبىسىدىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەردە يادرو سىناقلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان 47 قېتىملىق ئاتوم بومبا سىنىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە ۋە راك كېسەللىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
