ياپونىيە خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ياپونىيىلىك بىر دىپلوماتنىڭ " بىز خىتاي تەرەپكە كىشىلىك ھوقۇق ھەممىگە ئورتاق بولغان ئومۇمى قىممەتتۇر. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشى تەبئىي ئەھۋال" دېگەنلىكىنى يازدى.
ياپونىيە بۇ تەلەپنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ياپونىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىگېيۇكى خىروكى يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي تەرەپ ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمىگەن. ئۇلار پەقەت ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى چەتئەلدىكى "قانۇنسىز بۆلگۈنچىلەر" قوزغىغانلىقىنى، ۋەقەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان.