ياپونىيە خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك قىرغىنچىلىقتىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىلىك دىپلوماتلار خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-07-09
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ياپونىيىلىك بىر دىپلوماتنىڭ " بىز خىتاي تەرەپكە كىشىلىك ھوقۇق ھەممىگە ئورتاق بولغان ئومۇمى قىممەتتۇر. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشى تەبئىي ئەھۋال" دېگەنلىكىنى يازدى.

ياپونىيە بۇ تەلەپنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ياپونىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىگېيۇكى خىروكى يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي تەرەپ ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمىگەن. ئۇلار پەقەت ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى چەتئەلدىكى "قانۇنسىز بۆلگۈنچىلەر" قوزغىغانلىقىنى، ۋەقەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت