ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا، خىتاينى ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
بۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە نۆۋەتتە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.
ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ئامېرىكا بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە، بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى شۇڭا، ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا، جۈملىدىن قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى چاقىرغان.