ياۋروپا ئىتتىپاقى باشار ئەسئەدنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ئېمبارگو قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسەدنىڭ ئايالى ئەسما ئەسەد ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن 3 كىشىگە ئېمبارگو قويۇپ، ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى توڭلاتقان ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ساياھەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.03.23

بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىدىكى زوراۋانلىقنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئالغان ئەڭ يېڭى تەدبىرى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى كوفى ئانناننىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، سۈرىيىدىكى كرىزىسىنى تىنچ ھەل قىلىش ھەققىدە ئىلگىرىلەپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئوخشاش بىر كۈندە چىقىرىلغان ئىدى.

ب د ت نىڭ پەرەز قىلىشىچە، سۈرىيىدە ئۆتكەن يىلى خەلق ئىسيانى پارتلىغاندىن بۇيان، 8000 دەك ئادەم ئۆلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئېمبارگو ئەسما ئەسئەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەد ئائىلىسىنىڭ 4 ئەزاسى ۋە 8 نەپەر ھۆكۈمەت مىنىستىرىنى نىشان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى سۈرىيىگە بىر قانچە قېتىم ئېمبارگو قويغان بولسىمۇ، بىراق ئېمبارگونىڭ ھېچقانداق چوڭ تەسىرى بولمىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگوسىدىن كېيىن، لوندوندا تۇغۇلغان ۋە ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان ئەسما ئەسەدنىڭ ئەنگلىيە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە كىرىشى مەنئى قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.