ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىجارەت كومىسيونى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى تىجارەت كومىسيونى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىجارەتتە دۆلەتپەرەسلىك قىلماسلىققا چاقىردى. مەزكۇر كومىسيون بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتايدا يۈكسىلىۋاتقان مىللەتچىلىك ۋە يەرلىك شىركەتلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، خىتايدىكى تىجارەتتە دۆلەتپەرەسلىك خاھىشىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەم چەتئەل شىركەتلىرىگە قارىتا دۈشمەنلىك ھېسسىياتى بىلەن قارىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.04.20

مەزكۇر كومىتېت بۇ ھەقتە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملاشسا، ياۋروپالىقلاردىمۇ خىتاي تىجارەتچىلەرگە قارىتا تېگىشلىك ئىنكاس قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايدىكى سودا ئىشلىرى مەسئۇلى Joerg Wuttke بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە دۇنياغا پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇۋاتىدۇ؛ ئىنتېرنېتتىمۇ خىتاي پۇقرالىرى سودا ئىشلىرىغا مىللەتچىلىك ھېسسىياتىدا پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن زىيانلىق" دەپ كۆرسەتكەن.

Wuttke يەنە ياۋروپا بىرلىكى تىجارەت كومىسيونىنىڭ باشلىقى كېلەر ھەپتە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۆتكەن ئايدا ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ خەلقئارا تىجارەتتە دۆلەتپەرەستلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى تىجارەت كومىسيونىمۇ ئۆتكەن ئايدا راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىلىق تىجارەتچىلەر ئارىسىدا چەتكە قېقىلىش ھېسسىياتىدىكىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.