ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي بىرلەشمىسى ياۋروپانى تىبەتلىك راھىبلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

خىتايدا تىبەتلىك راھىبلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.10.20

تۈنۈگۈن، ياۋروپادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي بىرلەشمىسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى جامائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

يېقىندىن بۇيان، 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىسىم تىبەتلىك راھىبلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى توختىماي يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ شەنبە كۈنى بىر ئايال راھىبەنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشى بىلەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەرنىڭ سانى 9 غا يەتتى.

مەزكۇر بىرلەشمە ئۆز دوكلاتىدا، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي بىرلەشمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل 6-ئايدا گېرمانىيىدە قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلات ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.