فىلىپپىن خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا ۋىزا قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

سەيشەنبە كۈنى ۋيېتنام خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈن فىلىپپىنمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.28

خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش ‏-تارتىشىدا تۇرۇۋاتقان جايلارنىڭمۇ خىتاي تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى، ھىندىستان، تەيۋەن، ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

يېڭى خىتاي پاسپورتىدا جەنۇبىي دېڭىزىغا فىلىپپىننىڭ غەربىي دېڭىزىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، فىلىپپىن بۈگۈن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ رەسمىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى يەنى خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتى بىلەن ۋىزا ئىلتىماس قىلغانلارغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28-نويابىر بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بۇ پاسپورتقا ۋىزا تامغىسى بېسىش،خىتاينىڭ ئۆكتەملىكىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىق بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان پاسپورتىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش ‏-تارتىشتا تۇرغان جايلارنىمۇ ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن خىتاي خەرىتىسى ۋيېتنام، فىلىپپىن، تەيۋەن ھەمدە ھىندىستاننىڭ بىردەك رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. فىلىپپىن ۋە ۋيېتنام ۋىزا بەرمەسلىك ئارقىلىق رەسمىي ھەرىكەت قوللاندى، تەيۋەندە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەرىتىنىڭ خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا كىرگۈزۈلۈشى بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قارىتىلغان ئەمەس، دېگەندىن باشقا چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.

ئامېرىكا رايوندىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر مەسىلىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.