خىتاي، يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ 'قوش تىللىق بالىلار باغچىسى' غا كىرىش نىسبىتىنى 100% كە يەتكۈزدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارماقتا. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە بالىلارنىڭ "قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرى"غا كىرىش نىسبىتى يۈز پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.03.29

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدىن 105ى بار بولۇپ، بۇ يەرلەردە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سانى 14مىڭ 166گە يەتكەن. مەزكۇر ناھىيىدە 2006 - يىلى 3 - ئايدا تۇنجى "قوش تىل بالىلار باغچىسى" قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر يېزا - كەنتتە بىردىن ئۆلچەملىك قوش تىل يەسلىسى بولۇش سىياسىتى بويىچە، قىسقىغىنا 4 يىل ئىچىدە ناھىيىدىكى پۈتۈن يېزا - كەنتلەردە ھەتتا چەت، يىراق يېزا ‏ - كەنتلەرگىچە "قوش تىللىق يەسلىلەر" ئومۇملاشتۇرۇلغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، 11 - 5 يىللىق پىلاندا ئۇيغۇر رايونىدا 2012 - يىلىغىچە، قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، نىشاننى ئاساسلىق يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسىگە قاراتقان ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە سۆزلىتىشنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش "قوش تىللىق" مائارىپى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار مەكتەپ يېشىغا توشمىغان كىچىك بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان "قوش تىل" مائارىپىنىڭ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.