خىتايدا يۇندىدىن يېمەكلىك يېغى ئىشلەپ بازارغا سالغان جىنايەت گۇرۇھى پاش بولدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 12-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، جېجياڭ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە يۈندىدىن يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقىرىپ، بازارغا سالغان جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ پاش قىلىنىپ، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان 32 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاي پۇقرالىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.

بولۇپمۇ، ئالدىنقى يىللاردا خىتايدا يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى مەسىلىسى، خىمىيىلىك دورىلار ئارقىلىق بېقىپ چوڭايتىلغان چوشقا توخۇ قاتارلىق گۆش يېمەكلىكلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئۆتكەن ئايدا خوتەندە يۈز بەرگەن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى قاتارلىقلار خىتاي پۇقرالارنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

نۆۋەتتە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ خەلقئارا بازارلاردا سېتىلىشى ئۈزلۈكسىز ھالدا چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايدىن كىرىدىغان يېمەكلىكلەرگە قارىتا، تەكشۈرۈش ھەم نازارەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت