خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى خوتەندە بايقالغان ئا تىپلىق H1N1 ۋىرۇسىنىڭ زور كۆلەملىك تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرى 11‏-مارت خوتەن شەھىرىدە بايقالغان ئا تىپلىق H1N1 ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ رايوندا زور كۆلەملىك تارقىلىشىدىن ھېچقانداق شەپە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، 11‏-مارت خوتەندە 22 كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە بالىلار بارلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەھىيە تارماقلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ زور كۆلەملىك تارقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق شەپە بايقالمىغان.

ۋىرۇسنىڭ ئالدى بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى بىر باشلانغاچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدا بايقالغانلىقى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ رايوندىكى بارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ ۋە يەسلىلەردە ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇپ، بالىلاردا ۋىرۇس ئالامىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

لېكىن يېقىنقى 9 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىلىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلانغان يۇقۇملۇق ۋىرۇس ۋەقەسىنىڭ 2‏-قېتىم خوتەندە بايقىلىشى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا خوتەندە بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. سەھىيە دائىرىلىرى بۇ قېتىم بىر سىنىپتىن 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، پۈتۈن سىنىپ بويىچە 15 كۈنلۈك دەرس توختىتىش، بىر مەكتەپتىن 7 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، مەكتەپ بويىچە 15كۈنلۈك دەرس توختىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت