ئۈرۈمچىدە زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلگەن

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودرومىنىڭ يېنىدىكى بىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.05.11

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش دائىرىلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە ئايرودروم يېنىدىكى نېتروگېن ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانا سېخىدا يۈز بەرگەن.

خەۋەردە نېتروگېن ئىشلەپچىقىرىش سېخى بىلەن ئايرودروم ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن زەھەرلىك گازدا ئۆلگەنلەردىن بەزىلىرىنىڭ سېخ ئىشچىسى ئىكەنلىكى، قالغان كىشىلەرنىڭ ھاۋا يوللىرى خادىمى ۋە تەبىئىي داۋالاش خادىملىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلارنىڭ كونكرېت سانى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت سانى ئېنىق بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ۋەقەنى ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلات جەريانىدىكى بىخەستەلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم بولغانلىقى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7:20 دە يۈز بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرىقى باياناتچىسى يەنە، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.