ئىلھام توختى "5 - ئىيۇل"نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا سۆز قىلدى

بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوتسېنت ئىلھام توختى، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىلھام توختى سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك، ئارمىيىگە ئىشەنمەسلىك، ساقچىغا ئىشەنمەسلىك ۋە خەنزۇلارغا ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنىڭ ھۆكۈم سۈرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 5 - ئىيۇلدا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى، 5 - ۋە 7 - ئىيۇللاردا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ خەۋەر قىلىنمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئۇ بېيجىڭدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدە توختىلىپ، : شىنجاڭدىكى مەسىلە، پۇل كەملىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۇلنى نەگە ئىشلىتىش ۋە پۇلنى قانداق بۆلۈشۈش مەسىلىسى " دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پۇلىغا، ئىچكىرىىنىڭ تېخنىكىسىغا ۋە ئىچكىرىنىڭ ئادەم كۈچىگە تايانغان تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ نۇقتىدا كورلىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " شۇنداق، كورلا تەرەققى قىلدى، مالىيە كىرىمىمۇ ئاشتى، ئۆي ۋە مال باھاسى ئۆستى؛ بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمىدى. نەتىجىدە كورلىدىكى تەرەققىيات ئۇيغۇرلارنى ئۆي سېتىۋالامايدىغان ۋە گۆش سېتىۋالالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. "

ئىلھام توختىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى خىتاي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قىلىنماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jul 06, 2010 03:24 PM

Ilham Toxti aka Uyghurlarning yurek sadasini dunyagha anglitip kiliwatidu. Men Ilxam akamgha Ten salametlik we uzun omur tileymen.