خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان تۇداجىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى

رويتىرىس ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ شىنجاڭ قانۇن گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە،قۇربان تۇداجى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنى 1998 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، تېررورلۇق مەشىقلەرنى ئويۇشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا ھەر خىل پارتىلاتقۇچ ئوق دورىلارنى ياساش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ جىنايىتىنى تۇرغۇزغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇنى خىتايغا قارشى جاھات ئىلان قىلغان دەپ كۆرسەتكەن. بىراق خەۋەردە ئۇنىڭ زادى قانداق كونكىرت پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغانلىقى، نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىلان قىلمىغانلىقى تەكىتلەنمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مىللى مۇستەقىلچىلارنى بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى دەپ ئەيىپلىمەكتە. بىراق مەركىزى لوندوندىكى خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئۇيغۇرلارھەققىدە چىقارغان مەخسۇس دوكلاتىدا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقارا تېررورىزىمغا قارشى كۆرەشنى باھانە قىلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، مەسچىتلەرنى تاقاپ،دىنىي مەكتەپلەرنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.