سادىقجان يۇنۇسوف: ئىزباسارلارنى «قۇتادغۇ بىلىگ» روھى بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەشكە رازىمەن

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.03.19
Sadiqjan-yunusof قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور سۆھبىتىدە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى مارت.
RFA/Arslan

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلارنى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئەرەب يېزىقىنى ئوقۇيالمايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەردە قوللىنىلىۋاتقان كىرىل يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىش ۋە خەلق ئارىسىدا تارقىتىش ئىشلىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىزمەت ساھەسىدىكى ۋەكىللىك ئەرباب سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندىدۇر.

ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق دۇنياغا مەشھۇر نادىر ئەسەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلىنىپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن قازاقىستاندىمۇ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نەسرىي يەشمىسى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى تەرىپىدىن كىرىل يېزىقىدا نەشرگە تەييارلىنىپ 2019-يىلى نەشر قىلىنغانىدى. سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە باشقا ئەسەرلەرنى كىرىل يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا قايتا نەشرگە تەييارلاپ چىقىرىش جەريانى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە تور سۆھبىتىدە 18-مارت كۈنى بىلدۈردى. سادىقجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەر ۋە باشقا ئەسەرلەرنى جاپالىق ئەمگەكلىرى ئارقىلىق كىرىل يېزىقىدا تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ ياش ئىزباسارلارنى «قۇتادغۇ بىلىك» روھى بىلەن تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور سۆھبىتىدە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى مارت.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور سۆھبىتىدە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى مارت.
RFA/Arslan

سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ سۆھبەتكە ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزى دوكتور مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا بىرگە قاتناشتى.

سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى قازاقىستانغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى كىرىل يېزىقىدا نەشرگە تەييارلىغان. 20 نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىزچىل بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ: «قۇرئان كەرىم»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ نەزمىي يەشمىسى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى»، «تارىخى ئەمىنىيە»، «تارىخىي ھەمىدى» ، «دىن ۋە ھايات. ئىككى مىڭ سوئالغا جاۋاب»، قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ئەسەرنى كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلدۇرغان.

تور سۆھبىتىدە رىياسەتچى دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تەتقىقاتچى سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندى، «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ كىرىل يېزىقىدا تەييارلىنىشى ۋە بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› نىڭ نەزمى يەشمىسى 2019-يىلى كىرىل يېزىقىدا 1000 نۇسخا نەشر قىلىندى، ‹قۇتادغۇ بىلىگ› نىڭ ئەسلى مەزمۇنى، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاب. بۇ ئەسەر خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەردىن بىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى بىلەن جاھان مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدا ئۇزۇن زاماندىن بۇيان پەخىرلىك ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە» .

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندىنىڭ قىزى دوكتور مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور سۆھبىتىدە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى مارت.
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سادىقجان يۇنۇسوف ئەپەندىنىڭ قىزى دوكتور مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور سۆھبىتىدە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى مارت.
RFA/Arslan

سادىقجان يۇنۇسوف «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇتادغۇ بىلىك كىشىلەرگە ئۆز ھاياتىنى ئادىللىق بىلەن قانداق ئۆتكۈزۈشنى، دۆلەت رەھبەرلىرىگە مەملىكەتنى قانداق باشقۇرۇشنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولىدىغان ھەر تۈرلۈك توسالغۇلارنى قانداق يېڭىشنى، ھەممە كىشى ئىتتىپاق ئۆتۈپ خاتىرجەم ياشاشنى، بىلىم ئىگىلەپ ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، دېمەك ‹قۇتادغۇ بىلىك› ئەسىرى شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر پۈتۈن دۇنيا يۈزىدىكى ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن مۇشۇ كىتابنى تەييارلاش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ناھايىتى جاپا تارتساممۇ، قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرسەممۇ ھېچ قانداق ئېغىرچىلىق ھېس قىلمىدىم، بۇنى ئۆزۈمنىڭ مىللىتىمگە، ئىزباسارلىرىمغا قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىم، ئۇلارنى شۇ روھتا تەربىيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېسابلايمەن» .

پىروگرامما رىياسەتچىسى دوكتور مەغپىرەت خانىم، «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ئادالەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك تەرىپى، دۆلەت باشقۇرۇش قانداق بولۇش كېرەك دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شۇ دەۋرىگە نىسبەتەن خەلقنىڭ ئاساس ۋە مەركەز قىلىنغانلىقىدۇر» .

قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمەسى، «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ كىرىل يېزىقىدىكى نەشرىنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دوكتور مۇنەۋۋەر يۇنۇسۇۋا خانىم، قازاقىستاندا ھازىر «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، بۇ تېمىلار بويىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن دىسسېرتاتسىيەلەر يېزىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سادىقجان يۇنۇسوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق سۈيدۈڭ ناھىيەسىدە 1938-يىلى سەنئەتكار، ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1953-يىلى سۈيدۈڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1955-يىلغىچە غۇلجادا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان. ئۇ 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سۈيدۈڭ شەھىرىدىكى باج ئىشلىرى ئىدارىسىدە بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ياركەنت شەھىرىدە بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ دەم ئېلىشقا چىققان. 1980-يىللاردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، «قۇتادغۇ بىلىگ» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان مۇھىم كىتابلارنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرۈپ، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرى ئېلىپ بارغان. ئۇ ھازىرمۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي، بۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.