رابىيە قادىر خانىم: «ئەركىنلىككە چىققانلىقىمنىڭ 15-يىلىدا دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ ئازابىنى ھەقىقىي چۈشەنمەكتە»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.03.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rabiye-qadir-turmidin-azad.jpg ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكا كەلگەن ۋاقتى. 2005-يىلى 17-مارت، چىكاگو.
RFA

17-مارت كۈنى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئامېرىكا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆز باياناتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 15يىل جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرى قوغداش ئۈچۈن قىلغان زور خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارادا زور ئىلگىرى سۈرۈش روللىرىنى ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت