ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر مەكتەپ - 5-ئوتتۇرانىڭ مۇدىرى رەيھان ئەمەت لاگېردا جان ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.06.21
xitaylashturush-uyghur-medeniyiti-lozunka-bashlanghuch.jpg سىم توسۇقتا ئورالغان يەسلىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان «ۋەتىنىڭىزنى سۆيۈش خىتايچە سۆزلەشتىن باشلىنىدۇ» شوئارى. 2019-يىلى مارت، قەشقەر.
BITTER WINTER

مەلۇم بولۇشىچە، 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپ 2017‏-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالتايدىكى لاگېر تۇتقۇنىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ بۇ مەكتەپتىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇلاردىن مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرى رەيھان ئەمەت لاگېردا سوراق ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئالتاي ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2017-‏يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، ئالتاي شەھەرلىك 5‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپتىن غايىب بولغان. بۇلار مەكتەپ مۇدىرى رەيھان ئەمەت، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى رەيھان مۇسا، رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئەكبەر، كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئالىم قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالتاي شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلۈپ ئېلىپ مېڭىلىشى، مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە سىر پېتى داۋام قىلغان. شۇ يىلى 7‏-ئايدا ئالتاي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا رەيھان ئەمەتنىڭ «دۆلەت تىلى مائارىپىغا قارشى تۇرۇش» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە بىر ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان، ئەمما ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن سىر تۇتۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى رەيھان ئەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما رەيھان ئەمەت بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر مەكتەپتىن 7 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.

نۆۋەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئالتايلىق تونۇشلىرى ئارقىلىق مۇدىر رەيھان ئەمەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە بەلگىلىك ئۇچۇر ئالغان. مۇختەر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، مۇدىر رەيھان ئەمەت ئەينى چاغدا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، بۇنداق ئۇشتۇمتۇت ئىجرائاتنىڭ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئوقۇتۇشىنى ئاقسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىكىر بايان قىلغان. بۇ نارازىلىق پىكرى ئۇنىڭ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتىگە پاكىت قىلىنغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىن تۇتۇلغان قالغان 6 ئوقۇتقۇچىمۇ ئەينى چاغدا رەيھان ئەمەتنىڭ پىكرىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەنلەر ئىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، رەيھان ئەمەت تۇتۇپ كېتىلىپ 2 ئايدىن كېيىن جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. جەسەت ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەرلىككە قويۇلغان. مېيىتنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ئۇزىتىلىشىنى رۇخسەت قىلىنمىغان. مەزكۇر ئائىلە ۋە مەرھۇمنىڭ يەرلىكى بىر ئاي مۇددەتچە ساقچىلارنىڭ كېچە-كۈندۈز نازارىتى ئاستىدا تۇرغان.

ئالتايدىكى ئالاقىدار خادىملار، بۇ تۈر دېلولارنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇدىر رەيھان ئەمەت جاراڭلىق ئاۋازى، كەسكىن مىجەزى، مول مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىسى بىلەنلا ئەمەس، تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە ھەر كۈنى سەھەردە چېنىقىش ئادىتى بىلەنمۇ مەكتەپتىكى ئوقۇقتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرغان ئىكەن. شۇڭا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى 50 يېشىدا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان رەيھان ئەمەتنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ئۇنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكىنى كۈچلۈك بىر ئېھتىماللىق سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالتايدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى مۇدىر رەيھان ئەمەتنىڭ تۇتقۇندىكى مەزگىلدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمىدى.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى رەيھان ئەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.