ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ھوللېۋۇد چولپانلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.27
ekber-esed-ekber-eset--rayhan-esed-1.jpg «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.
Reyhan Eset teminligen

ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ماقالە ئېلان قىلىپ، ھوللېۋۇد چولپانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى جىمجىتلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىرىدى.

ئۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «The Hill» يەنى «تۆپىلىك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «بىز ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قەھرىمان كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە، «مۇلەن» فىلىمىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ياسىلىشىدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئۇ مانداق دېدى: «ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمگە قارىماي، مەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ئۈمىد چىرىغىنى ئىزدەۋاتىمەن، ماڭا تەن رىچارد گيېرنى ئىزدەۋاتىمەن.»

رىچارد گيېر خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى ئىدى. 

رەيھان ئەسەت ماقالىسىدە، سۇداندىكى دارفور مەسىلىسى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان ئىرقىي تازىلاشلاردا ھوللېۋۇد چولپانلىرىدىن ئانجىلىنا جولي، مىيا فارروۋ، ستىففېن كولبيېر قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ھېچكىمنىڭ لام-جىم دېمىگەنلىكىنى ئوتتۇرغان قويدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك ئاساسەن سۈكۈت بىلەن جاۋابلاندى. بۇنىڭ چۈشەنمەسلىك، ياكى جازادىن قورقۇشتىن بولغان-بولمىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.»

رەيھان ئەسەت دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىردىن بىر ئۇيغۇر ئادۋوكات. ئۇنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت 2016-ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر نوپۇزلۇق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەكبەر ئەسەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭ قازانغان «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ بىر ئىكەن. 

رەيھان ئەسەت، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پەقەت ئىنىسىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇ زۇلۇم چېكىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان چولپانلارنى جىددىي ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.