رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىق كۈچەيمەكتە

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.12.27
uzbek-yashlar-uyghur ئۆزبېكىستاندىكى ياشلار «شەرقىي تۈركىستاننى قوللايمىز» دېگەن شوئار بويىچە بىر يەرگە جەم بولدى (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
haberlerozbekistan

رۇس، قازاق، ئۆزبېك تىللىق ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن زەرداب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ھېسسىداشلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن.

يېقىندا مۇنداق خەۋەرلەر كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

يېڭى زېلاندىيەلىك يەنە بىر تەنھەرىكەتچى سوننى ۋىليامسنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى فېيسبۇك، ۋاتسئاپ، تۋىتتېر ۋە باشقىمۇ تاراتقۇلاردا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «ئىدېل رىيالى» ئاگېنتلىقىنىڭ ھەم شۇنداقلا ئۆزبېكىستاننىڭ ئاخبارات مەركىزى بولغان «ئازون ئۆزبېكىستان» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «يېڭى زېلاندىيەلىك مەشھۇر تەنھەرىكەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەشھۇر تەنھەرىكەتچى سوننى ۋىليامس 2009-يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيانى «بىرىنچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي قەدرىيەتلەرنى قويۇش» قا چاقىرغان.

ئەمدى «ياۋرو پۇتبول» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «بىلىچ ئۆزىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ياقلاپ چىقتى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، «ۋېست برومۋىچ» پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى سلاۋېن بىلىچ خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ياقلاپ سۆز سۆزلىگەن. ماقالىدە بۇ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىگىسى ھەم رەئىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، سلاۋېن بىلىچ مەشھۇر خورۋاتىيەلىك پۇتبول مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش ترېنېنى بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن.

«فېيسبۇك» ۋاراقچىسىدا شۇنداقلا بۇخارا ياشلىرىنىڭ «تۇران» پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق سۈپىتىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىلىق خەۋەر تارقىتىلغان. مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى پۈتكۈل دۇنيانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق زۇلۇمىنى ئەيىبلىگەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ «زېمىن» تور گېزىتىدا بېرىلگەن «مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلماقتا» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مالايسىيالىق نوپۇزلۇق ئىسلام ھوقۇقشۇناسى مۆھد ئەسرى بىن زەينۇلئابىدىن ئانا خىتايدا بىر مىلىيونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسىتىۋاتقان زوراۋانلىقلىرى ھەم ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارشى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيەنىڭ لېفكون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەزەربەيجانلىق ئەلى غاسانوفنىڭ قولىغا ئۇيغۇر بايرىقىنى تۇتۇپ، خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان مىلىيونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتارلارنى قوللاپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلارمۇ كۆپچىلىكنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان ئىدى.

قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقى ۋەكىللىرىنىڭ مۇشۇ يېقىندا باكۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق نامايىشىنى ئۆتكۈزگەنلىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى تۇرسۇن ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا «تەربىيىلەش لاگېرلى» رى قۇرۇلغاندىن بۇيان دەسلەپتە پەقەت تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى قوبۇل قىلىشى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كۆز قاراش ئۆزگىرىپ، ئۇلارنى قوللايدىغانلارنىڭ سېپى بارغانسېرى ئۆسمەكتىكەن.

تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا چوڭ نامايىش بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن كۇۋەيت پارلامېنتى ئەزالىرىمۇ بىزنى قوللىدى. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بىزگە يان بېسىۋاتىدۇ. ھەتتا خوڭكوڭدىكى ياشلارمۇ بىزنىڭ بايرىقىمىزنى كۆتۈرۈپ، شۇئالارنى توۋلاپ، ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»

تۇرسۇن ئارزىيېف يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىلا لاگېرلاردىكى قېرىنداشلىرىنى ئازاد قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلىدىغانلىقىنى

باشقا خەلقلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىش كېرەك؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز 500 مىڭ ئۇيغۇر بولساق، 500 مىڭ يەردىن سۆزلەيدىغان بولساق، چوقۇم ۋەتىنىمىز ئازاد بولىدۇ. بىز قازاقىستاندەك ئازاد مەملىكەتتە ياشاۋاتقاندىكىن، بىزگە جىم تۇرۇش ياراشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزدىنمۇ ھەرىكەت باشلىنىشى كېرەك.»

سەدىردىن ئايۇپوف يەنە قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىرىنچى نۆۋەتتە قېرىنداشلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن دائىم ھېسسىداشلىق بىلدۈرۈش لازىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ پۇل، ئابروي بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىگە، ۋەتىنىگە بولغان سەمىمىي ھۆرمەت ھەم مۇھەببەت بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.