روسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشچە، رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش يولىدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان يېڭى بىر قارار سۆھبىتى جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، روسىيە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتتىكى ئىپادىسىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، شۇنداقلا خىتاينى رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قەستەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەن.
خەۋەردە بۇنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى سۈپىتىدە نەقىل قىلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتتە، روسىيىنى دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىكىسپورت قىلىش باھاسىغا يەتكۈزۈشتەك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئالدىدا، پەقەت ياۋروپا بىرلىكىلا بۇنداق تەلەپنى قويغان بولۇپ، روسىيە، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن قايتا قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مىڭ بىر تەسلىكتە بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. شۇ چاغدىمۇ، روسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ياۋروپا بىرلىكى رەئىسىنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلمىغان.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە،مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا ھەرقانداق بىر دۆلەت ئېرىشكەن ئېتىبار مۇئامىلە، تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن بېرىلىدۇ. شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى قايتا تەكىتلىشى، روسىيىگە خۇددى مۇشەققەت بىلەن يەڭگەن بىر مەيدان ئۇرۇشنى قايتا باشلاشقا توغرا كەلگەندەك ئېغىر تويۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي تەرەپ يەنە، ئەمگەك بازىرىنى ئىچىۋېتىش، ئىمپورت بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش، ئىكىسپورت بېجىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇرغۇن تەلەپلەرنى قويغان بولۇپ، بۇ روسىيىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىش يولىنى تولىمۇ مۈشكۈللەشتۈرگەن.
روسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئىلىپ بارغىلى 11 يىلدىن ئاشتى، بۇ يىل 5 - ئايدا ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن ئۆز ئارا كىلىشىم ھاسىل قىلالىشى، روسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، روسىيىنىڭ ئىقتىساتى يېقىنقى يىللاردىن بويان تىز ئەسلىگە كىلىۋاتقان بولۇپ، پىرىزىدېنت پۇتىن يېقىندا دۆلەت دۇماسىغا دوكلات بېرىپ، روسىيىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنجى پەسلىدىكى ئىقتىساتى تەرەققىيات سۈرئىتى 7.3% يەتكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ بولسا 9.9% ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: بىز بۇنىڭدىن ياخشى قىلالىشىمىز مومكىنتى. بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن بىز ئىقتىساتى كۆتۈرىلىشنىڭ شەپىسىنى كۆرىۋاتىمىز.
روسىيە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى، ئىقتىساتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۈر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا قەتئى بەل باغلىغان. روسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئىشلىرىغا مەسئول مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى يېقىندىلا تېخى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولىدىكى ھەر تەرەپلىمە سۆھبەتلەرنىڭ ئوڭوشلۇق بولىۋاتقانلىقىنى، روسىيىنىڭ كىلەر يىلى يىل ئاخىرىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرەلىشى مومكىنلىگىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەتتىكى ئىپادىلىرى رۇسىيىگە زەربە بولماقتا. ئەمما مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ روسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇشى ، كىشىنى ئازراقمۇ ئەجەپلەندۈرمەيدىكەن. چۈنكى روسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا ئىختىلابى يېقىنقى ۋاقىتلاردا بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، روسىيە»سودىگەرلەر« گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشچە، روسىيە تاموژنا دائىرىلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارغا قاراتقان باجنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان. خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ھەر بىر كىلو مالدىن ئالىدىغان باجنى 7 ھەسسە ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنە خىتاينىڭ ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى قىيىنلەشتۈرگەن. تاموژنا دائىرىلىرىدىن سىرت، روسىيە ساقچى دائىرىلىرىمۇ،رۇسىيىدىكى خىتاي بازارلىرىغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەن. بۇ يىل 2 - ئايدا روسىيە ساقچىلىرى، موسكۋادىكى » ئەملا « توپ سېتىش مەركىزىدىكى خىتايلارنىڭ 300 دىن ئارتۇق بوتكىسىنى پىچەتلەپ، خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ 30 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
بەزى روسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ خىل توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ باشتىن ئاخىر رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدىن ئىكەن.مەلۇماتلارغا قارىغاندا،خىتاي تەرەپمۇ، رۇسىيىنىڭ ئانگىرىسكى نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى خىتاي بىلەن ئەمەس بەلكى ياپونىيە بىلەن ئىلىپ بارماقچى بولغانلىقىغا ئىنتايىن نارازى بولغان ئىكەن.