رۇشەن ئابباس خانىم «ئەركىنلىك جەڭچىسى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.10
rushen-abbas-mukapar-1.jpg ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رۇشەن ئابباس خانىم «نېپال 24 سائەت» ناملىق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بۇ يىللىق «ئەركىنلىك جەڭچىسى» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 2019-يىلى 9-ئاپرېل.
RFA

«نېپال 24 سائەت» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا قۇرۇلغان ۋە نېپال قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەركىن ئاخباراتچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان بىر ئورگان. بۇ ئورگان ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى يولىدا تىرىشقان ۋە بۇ يولدا تۆھپە ياراتقان كىشىلەرنى تاللاپ «ئەركىنلىك جەڭچىسى» مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇكاپات بۇ يىل ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رۇشەن ئابباس خانىمغا بېرىلدى.

رۇشەن ئابباس خانىم 9-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئاياغلاشتۇرۇپلا كالىفورنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا يۈرۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ۋە مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۆزىگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە بولغان ھېسداشلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئورگان بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن خانىمغا ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەشنىمۇ مەقسەت قىلغان. رۇشەن خانىم بۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن زور رىغبەتلەندۈرۈش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

9-ئاپرېل ئېچىلغان «ئەركىنلىك جەڭچىسى» مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەركىن سىدىق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكادىكى ئوخشىمىغان قاتلام ياكى جامائەتلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىق سورۇنغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇشەن ئابباس خانىممۇ بۇ پائالىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بارلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سىياسەت ساھەسىدىن چىقىپ، يەرلىك دائىرىگە كېڭىيىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنتايىن ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر چىقىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز سىياسىي دەۋاسىنى كۈچەيتىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.