رۇسىيەدىكى ھەربىي توپىلاڭ پۇتىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدىمۇ؟
2023.06.27
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيەدىكى ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلەر قوماندانى يېۋگىنى پرىگوژىن (Yevgeny Prigozhin) توساتتىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شەھىرى روستوۋنى كونترول قىلىپ، ماتورلاشقان قىسمى بىلەن موسكۋا شەھىرىگە 200 كىلومېتىر قالغان يەرگە قىستاپ كەلگەندە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشىنكو بىلەن بىرلىكتە جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، 24 سائەت ئىچىدە بۇ ھەرىكەتنى توختاتقان.
بۇ قىسقىغىنە ھەربىي ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەرىكەتنىڭ تېزلا مەغلۇپ بولۇشىغا دائىر خىلمۇ خىل ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئامېرىكا CNBC خەۋەر قانىلىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلەر قوماندانى يېۋگىنى پروگوژىن رۇسىيەدە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىنى ئۆز جايىغا قايتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گەرچە ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە قارشى توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، بۇ ياللانما ئارمىيە ۋە ئۇنىڭ قوماندانى پرىگوژىننىڭ تەقدىرى نائېنىق بولۇپ، پۇتىن ھاكىمىيىتى يەنىلا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرماقتا ئىكەن.
موسكۋاغا قىستاپ كەلگەن پرىگوژىننىڭ توساتتىن ئارقىغا يېنىشى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىلمۇ خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان؛ بۇلاردىن بىرى، «توپىلاڭدىن ئىلگىرى پرىگوژىن خوتۇن-بالىلىرىنى تۈركىيەگە يولغا سالغان، توپىلاڭ يۈز بەرگەندە پۇتىن بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشېنكونى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ئەردوغاننىڭ ماسلىشىشى بىلەن پرىگوژىننىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بېلارۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، پرىگوژىنغا تەھدىت سالغان» دېگەن قاراش بولسا، يەنە بىرى، «پرىگوژىن موسكۋانى ساقلاپ تۇرغان بىر گېنېرال بىلەن ئالدىن دېيىشىپ قويغان، يەنى ئۇلار ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، موسكۋانى ئىگىلىمەكچى بولغان؛ ئەمما پرىگوژىن مۇسكۋاغا ئاز قالغاندا، ئۇ گېنېرالدىن ئۇچۇر كەلمىگەن. ئىچكى قىسىمدىن ياردەم بولمىسا پرىگوژىن بىر نەچچە مىڭ ئەسكىرى بىلەن موسكۋانى ئىگىلىيەلمەيتتى، شۇڭا ئۇ بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان» دېگەن قاراشتۇر. ئۈچىنچى بىر خىل قاراش بولسا، ۋىلادىمىر پۇتىن ھازىرقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىيالماي، پروگوژىن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇنى ھوقۇقتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى ئويناپ چىققان» دېگەن قاراشتۇر، ئەمما ئانالىزچىلار بۇ ئۈچىنچى خىل ئېھتىماللىقنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە پۇتىننىڭ بۇنداق خەتەرلىك ئويۇنغا تەۋەككۈل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بەزىلەر پرىگوجژىننىڭ بۇ ئىسيانى ئەتراپلىق پىلانلانغان بىر ئويۇن دېمەكتە. ئەلۋەتتە، رۇسىيە سىرلىق بىر دۆلەت، ئۇ يەردە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى دەرھال بىلەلمەيمىز. ئەمما قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ قويىدىغان بىر ئويۇن ئوينىمايدۇ. مۇستەبىتلەر ئەزەلدىن بۇنداق قىلمايدۇ، بولۇپمۇ ھوقۇقتىن ئايرىلىپ تەختىدىن غۇلاش خەۋپى بولغان مۇستەبىتلەر تېخىمۇ بۇنداق قىلمايدۇ».
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ قېتىمقى توپىلاڭ رۇسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشنى كۆرسىتىپ بەردى، بىز ئاخىرقى نەتىجىنى تېخى كۆرمىدۇق» دېگەن. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن «ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشتا قولى بار» دېگەنلەرگە رەددىيە بېرىپ: «بىز بۇ ئىشقا ئارىلاشمىدۇق، بۇ رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش» دېگەن.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى تورىنىڭ 25-ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، توپىلاڭدىن ئىلگىرى ۋاگنېر گۇرۇھى قوماندانى پرىگوژىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ (Sergei Shoigu) نىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ۋە تەلۋىلىكىنى ئەيىبلىگەن؛ توپىلاڭدىن كېيىن بولسا، بۇ قېتىمقى مەقسىتىنىڭ پۇتىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ئىچىدە قان تۆكۈلۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ يەنىلا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
BBC تورىنىڭ 26-ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، پرىگوژىننىڭ شۇنى كۈنى ئېلان قىلغان 11 مىنۇتلۇق سۆزى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، پروگوژىن سۆزىدە ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زىيان سالغانلىقىنى، ئۇنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ 25 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر ۋە تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن جىنايەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسياننىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، پروگوژىن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ رۇسىيە دۆلەت ئارمىيەسىگە تەۋە بولۇشنى خالىمىغانلىقى ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىسياندا تىغ ئۇچىنىڭ پۇتىنغا ئەمەس، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي شويگۇغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋاگنېر گۇرۇھى قوماندانى پرىگوژىننىڭ «رەزىللىكنى توختىتىش» ئۈچۈن باشلاتقان بۇ ئىسيانى گەرچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن. ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ماھىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىدىكەن.
ئامېرىكا راتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر موتىل (Alexander Motyl) رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا، بۇ ۋەقەگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پۇتىن ھاكىمىيىتى لىڭشىپ قالدى. پرىگوژىن ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيەدە ھەربىي ۋە سىياسىي مالىمانچىلىق قانچە كۆپ يۈز بەرسە، ئۇكرائىنا خەلقى ۋە باشقا ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنچە ياخشى بولىدۇ».
بۇ توپىلاڭدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېى نۇدېنكو (Andrei Rudenko) بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەن، چىن گاڭ خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ توپىلاڭ يۈز بەرگەندە خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 25-ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، پروگوژىن قوزغىغان بۇ توپىلاڭنىڭ غەرب مېدىيالىرىدا «رۇسىيە پارچىلىنىپ ۋەيران بولىدىغاندەك خاتا تەشۋىق قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ غەرىزىنىڭ رۇسىيە جەمئىيىتىنى پارچىلاش ئىكەنلىكى» كۆرسىتىلگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ۋاگنېرغا ئوخشاش ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھىدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا رۇسىيەنىڭ بۇ قوشۇننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى ئاڭ-ئىدىيەدىكى ئوخشاشلىق ۋە مەنپەئەتتىكى شېرىكلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بۇ توپىلاڭنى بېسىقتۇرغان پۇتىننى ئىلگىرى قانداق قوللىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. چۈنكى پۇتىننىڭ رۇسىيەسى ۋەيران بولسا، خىتايمۇ ئېغىر كۈنگە قالىدىكەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن پرىگوژىن ۋەقەسىدىن چۆچۈگەندەك قىلىدۇ. ئۇلار ۋاگنېر گۇرۇھى خوجايىنى بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى بىلىدۇ. شۇغىنىسى، خىتاي ئەمەلدارلىرى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلىدۇ. توپىلاڭ ۋاقتىدا، خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ھە دەپ رۇسىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدى. ناھايىتى روشەنكى، ئۇلار گاڭگىراپ، نېمە دېيىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلەلمەي قالدى».
CNBC نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ توپىلاڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۆز يېقىنلىرىنى خالىغانچە ئىشقا قويۇشتەك مۇستەبىتلىكىگە بېرىلگەن بىر زەربە ئىكەن. ئەمما پۇتىننىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن بېرى سىياسىي رەقىبلىرىگە زەربە بېرىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.
رۇسىيە ئاخباراتلىرىدا، پروگوژىننىڭ بۇ ئىسياندىكى جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما كرىمېل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پىسكوف (Dmitry Peskov) بۇنىڭغا زىت گەپ قىلىپ: «موسكۋاغا كىرمەسلىك توغرىسىدا ۋاگنېر گۇرۇھى بىلەن كېلىشىم تۈزگەندە، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پروگوژىن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن. بۇنىڭ زادى قايسىسى راست، پروگوژىن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، بۇ تېخى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.
رۇسىيەدە بۇ توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئۇكرائىناغا داۋاملىق ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ قولىدىن شەرقىي جەنۇبتىكى بىر يېزىسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.