پروفېسسور د. ۋاسىليېف: رۇسىيەدە تۇگۇشېۋانىڭ ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئالىملارنىڭ چىقىشىغا ئىشىنىمەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-10
Share
Liliya-yusufzhanowna-tugushewa.jpg مەشھۇر تۈركشۇناس ئالىمە، قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس لىلىيا تۇگۇشېۋا خانىم. 2010-يىلى 27-ئۆكتەبىر، رۇسىيە.
azattyk.org

يېقىندا، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەشھۇر تۈركشۇناس ئالىمە، قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات-دوكتورى لىلىيا تۇگۇشېۋا 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تۇگۇشېۋانىڭ ۋاپاتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى رۇسىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىنىڭ خارابلاشقان ئەھۋالى ئۈچۈن تېخىمۇ زور يوقىتىش ھېسابلاندى.

لىلىيا تۇگۇشېۋا ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى، يەنى 1966-يىلدىن تا 2015-يىلغا قەدەر رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ بۆلۈمىدە ئىشلەپ، ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققانىدى.

لىلىيا تۇگۇشېۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ئۆمۈر بويى قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى، جۈملىدىن سانكىت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى پارچىلىرى ۋە بەزى مۇھىم ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينىشىدۇر.

ھازىر رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرق تارىخى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور دىمىترىي ۋاسىليېف ئەپەندى لىلىيا تۇگۇشېۋانى ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس ھەم ئاجايىپ ئىنسان سۈپىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ئىنتايىن كۆپ ئالىملارنى تەييارلىدى. ئەمما بۇ جەھەتتە ئۇ ئاجايىپ بىر كىچىك-پېئىللىىقى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنەتتى ھەمدە ئالاھىدە بىر ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. مىڭ ئەپسۇس. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش. تۇگۇشېۋا ئۆزىدىن كېيىن مۇھىم چوڭ ئەمگەكلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر كلاسسىك تۈركشۇناسلىق ئىلمى تىزىمىغا كىردى. ئاجايىپ بىر مەكتەپتىن بىلىم ئالدى. ئاكادېمىك كونونوف ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزدە ئاخىرقى ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملاردىن دىمىترىي ناسىلوف ھەم ئەنە شۇ تۇگۇشېۋا ئالەمدىن ئۆتتى. مەن بۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن. ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا شۇ ساھە بويىچە يېڭى مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش ۋەزىپىسى تۇرۇپتۇ. ئەمما، ئەپسۇسكى، ھازىر ياشلارنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن تۆۋەن. سەۋەبى بۇ ئىنتايىن قىيىن ساھە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىشمۇ دەررۇ قولغا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەش كېرەك، تىرىشىش كېرەك.»

دىمىترىي ۋاسىليېف يەنە لىلىيا تۇگۇشېۋانىڭ كەسىپداشلىرى، شاگىرتلىرى تەرىپىدىن ئۇ ھەقتە خاتىرىلەرنىڭ توپلىنىپ، ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئالىملارنىڭ يېتىلىپ چىقىدىغىنىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە تۇرۇپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى ئابلەت سەمەت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۇگۇشېۋا خانىم ھەقىقەتەن تۈرك دۇنياسىدا كەم ئۇچرايدىغان، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈرك مىللەتلىرىدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتچىمىز ئىدى. تۇگۇشېۋا خانىم بىزگە نۇرغۇن مىراسلارنى ئالدۇرۇپ كەتتى. بولۇپمۇ يۇرتىمىزدا پۈتۈلگەن، ئەينى ۋاقىتتا سانكىت-پېتېربۇرگقا ئېلىپ كېتىلگەن بىر قاتار قوليازمىلارنى تۇگۇشېۋا خانىمنىڭ تۇنجى نەشرى بىلەن تونۇدۇق. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن ئاخىر تەپسىلىي كۆردۇق.»

ئابلەت سەمەت يەنە تۇگۇشېۋا تەتقىقاتلىرىنىڭ شۇنداقلا تارىخ، ئەدەبىيات ساھەلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن يەنىمۇ چىراغ، مەشئەل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، تىلشۇناس كاندىدات دوكتور رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، لىلىيا تۇگۇشېۋا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئاساسىي تەتقىقاتلىرىمىز ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىكى يادىكارلىقلار بويىچە ئېلىپ بارغانىكەن. تۇگۇشېۋا رۇسىيەنىڭ ھازىرقى سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قوليازمىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە رەتلەشتە كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن رادلوف ۋە مالوفتىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

رۇسلان ئارزىيېف مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، تۇگۇشېۋانىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى›شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى ‹نى رۇسچە تەرجىمە قىلىپ، ئىزاھ ۋە كىرىشمىسى بىلەن يازغىنى ناھايىتى چوڭ بىر ئىلمىي ئەمگەك. ئۇ ئۇيغۇر بەگلىرىنىڭ يارلىقلىرى بولسۇن، قەدىمىي ئۇيغۇر شېئىرلىرى بولسۇن، ئەڭ كۆپ، ئەڭ تەپسىلىي تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىدە 22 يىلدەك دەرس بەردىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بۆلۈنگەن سائەتمۇ كۆپ ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرىمدە بۇ ئەمگەكلەرنى كۆپ پايدىلانغان.»

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «لىلىيا تۇگۇشېۋا قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كۆپلىگەن مەتىنلەرنى ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلغان ۋە ناھايىتى مول ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. شەخسەن مەن ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە تايىنىپ، شېئىرىي تېكىستلارنى تەتقىق قىلغان. شۇنىڭ جەريانىدا قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىر سەنئىتىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم.»

ئالىمجان ھەمرايېف ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا تۇگۇشېۋانىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرىنى پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇگۇشېۋا لىلىيا يۈسۈپجان قىزى 1932-يىلى غەربىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ ژاڭگالىن ناھىيەسىگە قاراشلىق نوۋايا كازانكا مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1948-يىلدىن 1953-يىلغىچە لېنىگراد، يەنى ھازىرقى سانكىت-پېتېربۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك فىلولوگىيەسى بۆلۈمىدە بىلىم ئالغان ھەم تۈركشۇناس-فىلولوگ مۇتەخەسسىسلىكىگە ئىگە بولغان. ئاندىن 1957-يىلى موسكۋا شەھىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئاسپىراتۇرىدا ئوقۇغان. ئۇ «تاتار تىلىدىكى ئېنىقلىغۇچى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ سۆزلەر تەرتىپى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي ئەمگىكىنى ياقلاپ، كاندىدات-دوكتور ئىلمىي دەرىجىسىنى ئالغان. لىلىيا تۇگۇشېۋا 1957 ۋە 1966-يىللار ئارىلىقىدا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېنىنگراد بۆلۈمىدە ئالتاي تىللىرى بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي خادىمى لاۋازىمىدا ئىشلىگەن.

لىلىيا تۇگۇشېۋا «قەدىمىي ئۇيغۇر ئىش ھۆججەتلىرىنى ئوقۇشقا بەزى قوشۇمچىلار»، «10-14-ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر ئىش ھۆججەتلىرى»، «ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىي تىلى. ئاغزاكى-ئۇسلۇبلۇق قۇرۇلۇشلىرى»، «خۇاستۋانىفت» قاتارلىق ئەمگەكلەرنى نەشىرگە تەييارلىغان. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ھەرتەرەپلىمە پايدىلىنىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.