سام بروۋنبەك: «ئەمدى ئۇيغۇر قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى!» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.
ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.
RFA

سام بروۋنبەك: ياخشى، ياخشى. ئەمىسە ئىسسىقىدا باشلىمايمىزمۇ؟

مۇخبىر: بولىدۇ، ئەمىسە «ئىسسىقىدا» باشلايلى! بىرىنچى سوئالىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن 17-ئىيۇن كۈنى پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭغا ئىمزا قويدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداشتىكى تۇنجى قانۇن بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن زور ھاياجانغا ۋە مەمنۇنىيەتكە چۆمدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى (21-ئىيۇن) ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئاقساراي ۋە تورونتودىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى ھاياجان ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئۇلار «بۇ قانۇن لايىھەسىغۇ ماقۇللاندى. ئەمدى كېيىنكى قەدەم قانداق بولار؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.

سام بروۋنبەك: ئالدى بىلەن مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەشتە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىغاندا تېخىمۇ سالماقلىق بولغان بىر قەدەمنى ئالغىنى بولدى. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن. سودا مىنىستىرلىقىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىرىنى جازالاشنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۆلەتنى بىر «ئاكا» نىڭ خاس مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىغا قارىتا تۈرلۈك ئەيىبلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغانلىقى ‍ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشى چەكلەنگەن. قىسقىسى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن جازالاش تەدبىرلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. مېنىڭچە، بىز ئۈچۈن ۋە دۇنيا جامائىتى ئۈچۈن ئەمدىكى قەدەم شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ۋە خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھەققىدە داۋاملىق سۆز قىلىش، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇشى، بۇ يۈزلىنىشنى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەل بولغۇچە داۋام قىلىشى لازىم. مېنىڭچە، بۇ ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. چۈنكى مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامىلىپ بولغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەر، يەنە كېلىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرمەسلىكى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەمدە ئادەمنىڭ ئەقلىگىمۇ سىغمايدىغان مۇشۇنداق بىر ھادىسە 2020-يىلى شۇنداق چوڭ ۋە زور تەسىرگە ئىگە بولغان خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: شۇنداق. خۇددى سىز تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلىغان ئاشۇ قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىگە قوشۇلۇشى لازىم. 2017-يىلى باھاردا لاگېر مەسىلىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئۈچ يىلدا ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ياكى باشقا جايلاردىكى ئىتتىپاقداشلىرى بۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ باقتىمۇ؟ يەنى بۇ ھەقتە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ قويۇش شەكلىدە ئەمەس، ئەكسىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر قامالغان لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە كەسكىن چاقىرىق قىلىپ باقتىمۇ؟

سام بروۋنبەك: ئۆتكەن يىلى (2019-يىلى) ب د ت چوڭ يىغىنىنىڭ قوشۇمچە يىغىنى مەزگىلىدە بىرنەچچە دۆلەت بىزگە قوشۇلۇپ، مەۋجۇت رېئاللىقنى تەكىتلىدى. شۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدا لاگېرلارغا قامالغان ‍ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قاباھەتلىك پاجىئەلەر ئاڭلىتىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىزگە ياۋروپا ئەللىرىدىن ئۈچى ئاۋاز قوشقان ئىدى. ھازىر بولسا بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر بۇ سەپكە قوشۇلۇۋاتىدۇ ۋە سۆز قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىمۇ كېيىنكى قەدەمنى بىللە باسسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. خىتاي ھازىر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە پوپوزا قىلىپ، ئۇلارنى بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلماسلىققا قىستاۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى تەكىتلەۋاتقان ھەمدە بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ قەدەمنى ئالغان ئىكەن، ئەمدى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا كېيىنكى قەدەمدە يەنە قانداق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم. بۇنىڭدىكى ئەڭ زور بىر مەسىلە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىدىكى كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىشىدۇر. چۈنكى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بۇ ئىشلار نەق مۇشۇ مىنۇتلاردا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بەختكە قارشى ھازىر تېخىمۇ زور زىيانكەشلىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بۇلار بولسا يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلەش شەكلىدە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتىدۇ.

مۇخبىر: شۇنداق. ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتايغا بىلدۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلار بارمۇ؟

سام بروۋنبەك: تۈركىيە بۇ ھەقتە سۆز قىلدى. يەنە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ شۇنداق قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچىغا چىققان ئۆكتەملىك بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارشى «خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۇرۇشى» قوزغاش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي ماھارەت مەكتىپى» دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئەمما بىز شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار مەجبۇرىي يوسۇندا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ھالدا ئاشۇ جايلارغا ئاپىرىلغان. ئۇلار ئەقەللىيسى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا «مۇھەممەد» دېگەن شۇنچىلىك ئاممىباب مۇسۇلمانچە ئىسىمنى قويۇشمۇ مەنئى قىلىنغان. ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. بىراۋنى ساغلام ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇش ھېچقانداق مۇقامغا توغرا كەلمەيدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىدۇر. خىتاي ھازىر بىر پۈتۈن مىللەتنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن توسۇپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ.

بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت