قەشقەردىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى سايىت ھاجىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم
2019.08.21
دوختۇر سايىتھاجى قاسىم قەشقەر 2-دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى بولۇپ، ئۇ 2017-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنى قۇربان ھېيت كېچىسى ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەريانىدا ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.
ئۇنى بىلىدىغانلارنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دوختۇر سايىتھاجى قاسىم تەجرىبىلىك تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، ئۇ ئۆزى خىزمەت قىلغان دوختۇرخانىدىلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە يۇقىرى تېخنىكىسى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر دوختۇر ھېسابلىنىدىكەن.
سايىتھاجى قاسىمنى يېقىندىن بىلىدىغان تونۇشلىرىدىن بىر قانچەيلەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دوختۇر سايىتھاجى ھەققىدە بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 47 ياشلارغا كىرگەن سايىتھاجى قاسىم 1996-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قەشقەر 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ 2004-يىلىدىن بۇيان مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ سۈيدۈك يولى ۋە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە ۋىراچلىق ئۇنۋانى بىلەن ئىشلەشكە باشلىغان. 2006-يىلى بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. دوختۇر سايىتھاجى قاسىم مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن 20 يىلدىن بۇيان بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ نامە چىققان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سايىتھاجى قاسىم 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەردىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەندە ئۇنىڭ 80 ياشتىن ھالقىغان ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە ئىككى نارەسىدە بالىسى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوختۇرخانىدىكى خىزمەتداشلىرىمۇ سايىت ھاجىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھەتتا سۈرۈشتۈرۈشكىمۇ پېتىنالمىغان.
كېيىنكى مەزگىللەردە ئائىلىسىدىكىلەر سايىت ھاجىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى ساقچىلار ئارقىلىق ئانچە-مۇنچە خەۋەر تاپقان. ئىگىلىنىشىچە، سايىت ھاجىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سەييارە داۋالاش مەزگىلىدە مەلۇم بىر گۇمانلىق كىشى چۈشكەن مېھمانخانىدا ياتقانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇر سايىت ھاجى تۇتۇپ كېتىلىشتىن بۇرۇن پات-پات ھەرقايسى ناھىيەلەرگە تەكلىپ قىلىنىپ، سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئىشلىگەن ئىكەن. شۇ چاغلاردا سايىتھاجى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «خىزمەتتە نەتىجە كۆرسەتكەن دوختۇر» دېگەندەك مەدھىيە تۈسىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىكەن.
ئىگىلىنىشىمىزچە، ئىلگىرى ئۈندىدار سالونىدا سايىتھاجىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى يۇقىرى تېخنىكىسى ۋە ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان «كەسىپكە بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشتىياق» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
بىز قەشقەر 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىنى تەكشۈرگىنىمىزدە سايىتھاجى قاسىمنىڭ ئىسمى تېپىلمىدى. دوختۇرخانىنىڭ تورىدىكى خەۋەر ۋە رەسىملەرنى تەكشۈرگىنىمىزدە 2015-يىلىغا ئائىت بىرقانچە خەۋەردە سايىتھاجى قاسىمنىڭ 2015-يىلى دوختۇرخانىدا ئېچىلغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا كوللېكتىپ چۈشكەن بىرقانچە پارچە فوتو سۈرىتى تېپىلدى.
بىز يەنە دوختۇرخانىنىڭ 2019-يىللىق كېسەل كۆرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكى بىلەن دوختۇرخانىغا ئائىت خەۋەرلەرنى تەكشۈرگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ 2017-يىلى 4-سېنتەبىر كۈنىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مۇدىر ۋراچ سايىتھاجىنىڭ كېسەل كۆرۈش نومۇرىنى قانداق ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردۇق.
ئەمما مەزكۇر دوختۇرخانىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىدە سايىتھاجى قاسىمنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلىغىنى دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
سايىت ھاجى قاسىمنىڭ ئىلگىرىكى كېسەللىرىدىن بىرى نامىدا ئەينى نومۇرغا قايتا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئۈچۈن دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتۈردۇق.
بۇ قېتىم تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال خادىم ئاۋۋال تېلېفوننىڭ خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭغا مەزكۇر نومۇرنىڭ قەشقەر 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى نومۇر ئىكەنلىكىنى قايتا تەكرارلىغاندىن كېيىن بولسا، ئۇ سايىتھاجى دوختۇر ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى شۇڭا ئۇنىڭ ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇندىن كېيىن ئۇرغان بىرقانچە قېتىملىق تېلېفونلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جاۋابسىز قالدى.
دوختۇر سايىتھاجىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللىغان بۇ كىشى يەنە دوختۇر سايىتھاجى سۈرۈشتۈرۈلگەندە دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ جاۋاب بەرمەسلىكى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا سايىتھاجى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلار ھەققىدە ئىدارە رەھبەرلىرى كېپىللىك خېتى چىقىرىپ بەرگىنىدە، شۇ كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سايىت ھاجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغانلارنىڭ قەشقەر 2-دوختۇرخانا رەھبەرلىرىدىن ئىسپات خېتى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەينى چاغدا بۇ تەلەپنىڭ دوختۇرخانا باشلىقلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سايىتھاجىدەك ئۆز كەسپىدە پىشقان بىر دوختۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ھەر خىل گۇمانلىق قىياسلارنى قىلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.