غايىپ دوختۇر سەييارە نىجات ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدىن ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن

0:00 / 0:00

دوختۇر سەييارە نىجات قاماقخانىدىن ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان ۋە چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سۈزۈشتە قىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلگەن.

غايىب دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 7-ماي كۈنى ساقچىلاردىن ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇققان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان شۋېتسىيەدىكى سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندى سەييارەنىڭ كېسىلىپ بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى، پەقەت خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا جاۋابەنلا ئۇنىڭ تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، غايىب دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى ئائىلىە ئەزالىرىغا مەلۇم بولماي تۇرۇۋاتقان بۇ كۈلەردە، يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 7 ‏-كۈنى ئۇنىڭ غۇلجادىكى دادىسى نىجات ئابدۇرېھىمغا قىزى سەييارەنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ ئۇچۇر نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ تۈركىيەدىكى چوڭ قىزى نادىرە نىجات ئارقىلىق سەييارنىڭ ئامېرىكادىكى چوڭ دادىسى رەخىي ھاجىغا يېتىپ كەلگەن. رەخىي ھاجى سەييارەنىڭ ئەھۋالىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچى قاماقخانىسىدا ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان كىشى بولسىمۇ، ئەمما رەخى ھاجى دائىرىلەرنىڭ بەرگەن بۇ ئۇچۇرلىرىغا گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ يىل 2-ئايدا ساقچىلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا سەييارەنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپمۇ، تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشتۈرمەسىلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن يەنىلا گۇمان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

نۆۋەتتە شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى سەييارە نىجاتنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ قېتىم تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» ئىنىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىق ۋە كېسىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1990-يىلى تۇغۇلغان، شىخەنزە مېدىتسىنا ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە بىر نەچچە يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-دوخترخانىدا بالىلار دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن سەييارە نىجاتنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكىلىشى غەيرىي نورمال بىر ئەھۋال ئىكەن. ئەمما رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا رايوندا قانۇن ۋە تەرتىپتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولانلانغانلىقىدىن ئىبارەت نۆۋەتتىكى رېئاللىق كۆزدە تۇتۇلسا، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىگە يۆتكىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر يېرى يوق ئىكەن. يولۋاس ئەپەندى يەنە لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق ئىجرائاتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىدە ئورۇن يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىامللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا سەييارە نىجاتنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئۈرۈمچى داۋەندىكى ئاياللار قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، كېيىنچە ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3‏-قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلگەن. سەييارەنىڭ ئائىلىسى بۇ ئۇچۇرنى 4 يىل سۈكۈت قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسى، ئامېرىكادىكى ھاممىسى ۋە چوڭ دادىسى سۈكۈتىنى بۇزۇپ ئەھۋالنى خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەن.

سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇرۇق-تۇغقانلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشنىڭ ئاخىرقى ۋە بىردىن-بىر يولىنىڭ ئەھۋالنى خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.