ئادۋوكات شىنقۇات بايجانوف: سېرىكجان بىلاشنى تۇتۇش قازاقىستاننىڭ قانۇنى بويىچە دۇرۇس ئەمەس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.03.11
serikjan-bilash-telefonda.jpg «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاش ئەپەندى. 2019-يىلى مارت.
Sérikjan Bilash’oghli teminligen

10-مارتتىن بۇيان قازاقىستاننىڭ «تېڭرىنيۇس»، «سپۇتنىك»، زاكون. ك ز» قاتارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەمدە ئىجتىمائىي تورلاردا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشنىڭ قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. دەسلەپكىلەردىن بولۇپ بۇ ھەقتە «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى نۇرتاي لاخانۇلىنىڭ «ئاتايۇرت» بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلاش تۇتقۇن قىلىندى» ناملىق ماقالىسىدە خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، سېرىكجان بىلاش 10 مارت كۈنى كېچىسى تەخمىنەن سائەت 2:30 دا ئالمۇتادىكى بىر مېھمانخانىدىن تۇتۇلۇپ، ئاستانا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «10-مارتتا ساقچىخانا خادىملىرى›ئىجتىمائىي ۋە مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋىتى بار ‹دېگەن ئەيىب بىلەن سېرىكجان بىلاشنى قولغا ئالدى. تەرگەۋ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. باشقا پاكىتلار تەرگەۋ مەنپەئەتى سەۋەبى بىلەن ئاشكارىلانمىدى.»

سېرىكجان بىلاشنىڭ كەسىپداشلىرىدىن بىرى تۈركىيەلىك قازاق ژۇرنالىستى قالمان قوچيىگىت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەنىڭ قانداق بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئالمۇتادا ‹راھات پالاس› مېھمانخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا شەنبە كۈنى ئىشخانىغا تۆت گۇمانلىق كىشى كىرىپ-چىقىپ تۇرغان ئىدى. ئۇلارنى بىز ساقچىلارغا ئېيتقىنىمىزدا، ساقچىلار ئۇلارنىڭ بىرىنى تۇتۇۋالدى. بىزنىڭ يىگىتلەر سېرىكجاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇنى رەپىقىسى بىلەن مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. كېچىسى سائەت 2 لەر چامىسىدا 15 كىشى ئاستانادىن كەلگەنمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرگەن. سېرىكجان ئايىغىدىن جاراھەتلەنگەن. ئۇ ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاستاناغا ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھازىرچە ھېچ قانداق بىر خەۋەر يوق».

بىز تونۇلغان ئادۋوكات شىنقۇات بايجانوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەھۋالنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مېنىڭ ھىمايەم ئاستىدىكى سېرىكجان بىلاشوغلى دېگەن كىشى ھازىر ئاستانادا ئىچكى ئىشلار باشقارمىسىدا. ھازىر قازاقىستاننىڭ جىنايى ئىشلار ھۆججىتىدە ‹مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغااش› دېگەن ماددا بار، مانا شۇنىڭ بىلەن ئىش قوزغالغان. بۇنى ئادۋوكات سۈپىتىم بىلەن دۇرۇس ئەمەس دەپ ھېسابلايمەن. سەۋەبى، مەسىلەن، خىتايدىكى قازاقلار، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلارنى قانۇنسىز قاماش قىلمىشىنى ھەم شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىسى مىللەت ئارا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئۇ، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلمىدى، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى سىياسىي لاگېرلارغا قامىشىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۈچۈن ئېنىق يەنە قانداق ئەيىبنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى نامەلۇم ۋە بۇ ھەقتە ئۇلار بىزنى خەۋەردار قىلىۋاتقىنىمۇ يوق. ئۇلار سېرىكجان بىلاشنىڭ ئېيتقان نۇتۇقلىرىنىڭ مەنىسىدىن بىر-ئىككى سۆزنى يۇلۇۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغىدى دەپ ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بىرىنچىدىن قازاقىستاننىڭ قانۇنى بويىچە دۇرۇس ئەمەس. ئىككىنچىدىن، سېرىكجان ئالمۇتا شەھىرىدە ئىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ سىياسىي لاگېرلار مەسىلىسى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بارلىق ھەرىكەتلىرى مۇشۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، ئۇنى ئاستاناغا ئېلىپ بېرىپ، تەرگەۋ قىلىش ھېچ قانداق بىر قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سېرىكجاننىڭ ئىشىنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىللىسە، بۇ ئىشنى پەقەت ئالمۇتا شەھىرىدە يۈرگۈزۈشى لازىم ئىدى.»

شىنقۇات بايجانوف يەنە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلار بىلەن باشقا شەھەرگە كەتكەندە ھەمدە يەنە بىر ئادۋوكات ئايمان ئوماروۋانىڭ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا سېرىكجان بىلاشنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىشىگە ھېچ قانداق بىر ئاساسنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سېرىكجان بىلاشنى چاقىرىق قەغىزى بىلەن چاقىرىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق قىلمىغانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلاندى.

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېرىكجان بىلاش ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قامىلىشى ئەپسۇسلىنارلىق ھەم ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ تورلاردا، يىغىنلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى تىڭشىدىم. ئۇ سىياسىي بىلىملىك كىشى. مىللەتلەر ئارا نارازىلىق تۇغدۇرىدىغان گەپلەرنى چوقۇم قىلمايدۇ. ساقچىلارنىڭ مۇنداق ھەرىكىتى قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى چۈشۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇ جازا لاگېرلىرى توغرىلىق پاكىتلارنى يىغىپ، رەتلەپ، ئۇلارنى قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بېرىۋاتىدۇ ۋە خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا ۋە باشقىلارغا تارقىتىپ، ناھايىتى پايدىلىق ئىشنى قىلىۋاتاتتى.»

قەھرىمان غوجامبەردى سېرىكجان بىلاش باشلىغان «ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىلىق توپلىغان مەلۇماتلىرىنىڭ دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مۇشۇ تۇتۇشنىڭ سەۋەبى بۇ يەردە بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى بار دەپ ئويلايمەن. خىتاي بۇنىڭغا ناھايىتى نارازى بولۇۋاتاتتى. ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ساقچىلار بولسۇن، ھوقۇق قوغدايدىغان ئورگانلار بولسۇن، ھەقىقەتنى ئېيتىش كېرەك، چۈنكى بۇ پۈتكۈل قازاقىستانغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ۋەقە.»

بىز سېرىكجان بىلاشنىڭ ئىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستاناغا بارغان ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ھازىرچە بۇ نەتىجىسىز ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.