ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە غايىب بولغان ئەخمەتجان تالىپنىڭ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.19
exmetjan-talip.jpg خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە غايىب بولغان ئەخمەتجان تالىپ ئەپەندى.
Amannisa Talip teminligen

ئەخمەتجان تالىپ 2007‏-يىلدىن باشلاپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ياشاپ، خىزمەت ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 2013‏-يىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ. ئۇ شۇ يىلى ئۆزىگە ئوخشاش كورلالىق بولغان ئاماننىسا ئابدۇللا بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېتيون تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ سېسترالىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئاماننىسا شۇ يىلى دۇبەيگە چىقىپ، يولدىشى بىلەن ياشايدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئوغۇل پەرزەنتكە مۇيەسسەر بولىدۇ. كېيىنكى 5 يىللىق ھاياتى دۇبەيدە تىرىكچىلىك بىلەن ئۆتكەن بۇ ئائىلە 2018‏-يىلى 2‏-ئايغا كەلگەندە تۇيۇقسىز خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. 2018‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇبەيدىكى بىر ساقچىخانىغا رەسمىيەت بېجىرگىلى بارغان ئەخمەتجان تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا 2‏-پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولۇپ تولغاق ئالدىدا تۇرغان ئايالى يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، بارمىغان يېرى، يالۋۇرمىغان ئادىمى قالمايدۇ. ئەمما ئۇ، ئەخمەتجاننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاماننىسا ئابدۇللانى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق ئەخمەتجاننىڭ ئەينى چاغدا كورلىغا ئېلىپ كېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ئالغان. بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنىڭ ئۇنىڭ قانداق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلەن باشلاندى.

ئاماننىسا: 2018‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنىغۇ دەيمەن. مەن 2‏-ئايدىن 11‏-كۈنى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشلاپ، 3‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنىگىچە 10 نەچچە كۈن كەينىدە يۈردۈم. شۇ چاغدا ئۇ گۇناھسىز، دېگەن بىر قەغەز لازىم ئىكەن، شۇنى ئالغىلى بارىمەن، دېدى. بىزمۇ بەك گۇمانلاندۇق، ئىشقىلىپ ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھېلى ئۇنى دەيدۇ، ھېلى بۇنى دەيدۇ، ئاشۇنداق قىلىپ ئاۋارە قىلىپ كەلگەن. يەنى ۋەتەندىكى ئاكىسىنى ساقچىلار ئىزدەپ، بەك ئاۋارە قىلىپ، ھېلى ئاۋۇ نەرسەڭنى ئەۋەتىپ بەر، ھېلى ماۋۇ نەرسەڭنى ئەۋەتىپ بەر، دەپ نەدە تۇرىدۇ، نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، نەدە ئىشلەيدۇ، دېگەندەك. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئۇنىڭ ئالدىدا بىز.

مۇخبىر: شۇ كۈنى ئەخمەتجان ئاكىسىغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دوكۇمېنت(ھۆججەت) ئېلىش ئۈچۈن ساقچىغا بارغان، شۇنداقمۇ؟

ئاماننىسا: ساقچىغا كەتتى، مەن ئىزچىل ئەنسىرەپ ئولتۇردۇم، ئەمدى بۇلارنىڭ چوقۇم بىر ياخشىلىقى يوقمىكىن دېسەم، ئۇ، «مېنىڭ ھېچقانداق نېمەم بولمىسا ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇبەينىڭ ساقچىلىرى ئۇنداق قاراقوساق ئەمەس، ياخشى» دېدى. ئۇنداق بولسا نەگە بارسىڭىز بارغان يېرىڭىزنىڭ ئورنىنى ماڭا ئېيتىپ تۇرۇڭ دېدىم. باشتا شارجاھدىكى بىر ساقچىخانىغا باردى. ئۇيەردىن دۇبەيگە بارىدىكەنمەن، بارماق ئىزى ئالىدىكەن، دېدى. بىر كېچە ئۆيگە كەلمىدى. ئەتىسى دۇبەيدىكى ساقچىغا باردىم، ئوغلۇمنى ئېلىپ. بېرا، دېگەن بىر جاي بار شۇ يەرگە يېقىنراق بىر ساقچىخانىغۇ دەيمەن. بارساق، رىشاتكىنىڭ ئىچىدە جىق ئادەملەر باركەن، ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ يولدىشىم. بىزنى كۆرۈپلا كەلدى. شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇ يەرگە بېرىشىمنى ئويلاپ باقمىغانتىم. بېرىپ نېمە ئىش بولدى، بۇنىڭغا، دەپ سورىدىم. سورىسام، «بىز بىلمەيمىز، ئۈستىگە چىقىپ سورا» دېدى ئىشىككە قارايدىغانلار. ئۈستىگە چىقىپ سورىدىم سورىسام، «ھېچ ئىش يوق، بىز بىر يەردىن خەۋەر كۈتۈۋاتىمىز» دەپ ماڭا ھېچنېمە دېگىلى ئۇنىمىدى. «بىر يەردىن خەۋەر ساقلاۋاتىمىز، شۇ خەۋەر كەلسىلا قويۇۋېتىمىز، ئىككى كۈن ساقلا» دېدى. ئىككى كۈن ساقلىيالمايمەن، مېنىڭ تۇغۇت ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالدى، دەپ يالۋۇردۇم، لېكىن ھېچ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېتىپ ئەتىسى يەنە كەلدىم.

مۇخبىر: نېمە خەۋەر ساقلاۋاتقانلىقىنىمۇ دېمىدىمۇ؟

ئاماننىسا: نەدىن، نېمە خەۋەر ساقلاۋاتقانلىقىنىمۇ دېمىدى. 3 كۈن ساقلىدۇق. مەن 3 كۈن توشۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە باراي، دەپ بالامنى تەييارلاۋاتسام يولدىشىم تېلېفون قىلدى. «مېنى ھازىر دۇبەيگە سوتقا ئېلىپ ماڭىدىغان بولدى. خىتاي مېنى جىنايەتچى، تۇتۇپ بېرىڭلار، دەپ ئاشۇنداق دەپتۇ. شۇڭا بۇلار ھازىر د ن ئا تەكشۈردى، قان تەكشۈردى، سۈيدۈك تەكشۈردى. ھازىر سوت ئاچىدىكەن، سوتقا بارىمىز. مېنى يولغا سېلىۋېتىدىكەن» دەپ شۇنداق يىغلامسىراپ گەپ قىلدى. ئۇنى ئاڭلاپ ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم. 3 ‏-كۈنى خىتايدىن خەۋەر كەپتىمىش. مۇشۇنداق ھازىر سوت ئاچىدىكەن. سوتتا كۆرۈشتۈرگىلى قويىدىكەن. سوتقا بارغىن، كىملىكنى، پاسپورتنى ئېلىۋالغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سوتقا باردىم. ئۇ يەردە پۈتۈن ئىشلارنى چۈشەندۈردۇق. . . . . . . . . . يولدىشىمنى چىقاردى، ھېچقانداق بىر جىنايەتمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ھېچ بىر پاكىتمۇ يوق ئىكەن، ھېچ بىر ماتېرىيالمۇ يوللىماپتۇ خىتاي تەرەپتىن يولدىشىمغا. شۇنىڭ بىلەن 15 كۈتۈپ تۇتۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئىسپات يوق قايتۇرىۋەتمەيمىز، دېگەن ئاشۇنداق گەپ بولدى.

دۇبەي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2018‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ 20‏-كۈنى دۇبەي جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن بۇ ئىدارە قارمىقىدىكى خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار باشقارمىسىغا ئەۋەتكەن قارارىدا، ئەخمەتجاننى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا دائىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى، باشقا بىر سەۋەب بولمىسا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ قويۇپ بەرمىگەن. بىز 19‏-فېۋرال كۈنى دۇبەي جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار باشقارمىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئەخمەتجان تالىپنىڭ مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن مەزكۇر ئورگاننىڭ بىر مەسئۇل خادىمى سوئاللىمزىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دېلونى بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى دۇبەي جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ سورىشىمىز كېرەك ئىكەن.

ئاماننىسا تالىپ 2018‏-يىلى 2‏-ئاينىڭ 20‏-كۈنى سوتقا قاتنىشىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتسا، يولدا ئەخمەتجان تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ باشقا بىر قاماقخانىغا يۆتكەلگەنلىكى، ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئەكېلىپ بېرىشىنى ئېيتقان. ئاماننىسسا دەرھال ئەخمەتجاننىڭ پاسپورتىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن قاماقخانىغا بارىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئەخمەتجاننىڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.