سەييارە نىجاتنىڭ ساقچىلارغا «ماسلاشمىغانلىقى» ئۈچۈن 4 يىلدىن بۇيان دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقمىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.02.11
سەييارە نىجاتنىڭ ساقچىلارغا «ماسلاشمىغانلىقى» ئۈچۈن 4 يىلدىن بۇيان دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقمىغانلىقى مەلۇم ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سەييارە نىجات خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Nadire Nijat teminligen

ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ غايىب دوختۇرى سەييارە نىجات ھەققىدە ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، ئۇنىڭ داۋەندىكى ئاياللار قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىدا، دوستلۇق دوختۇرخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ سەييارە نىجاتنى سۈرۈشتە قىلىپ 2018 ‏-يىلى بىر قېتىم مەزكۇر قاماقخانىغا بارغانلىقى ۋە قاماقخانا خادىلىرىنىڭ ئۇلارغا، سەييارە نىجاتنىڭ ساقچىلارغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت «ماسلاشمىدى» دېگەن جاۋابقا ئاساسەن سەييارەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

غايىب دوختۇر سەييارە نىجات ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن يېقىندا ئۇ ئىشلىگەن «دوستلۇق دوختۇرخانىسى»، يەنى 3 ‏-دوختۇرخانىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىملار، سەييارە نىجات ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ كۈندىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خادىملاردىن بىرى بۇ دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ، سەييارە نىجات ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى يىلى بىر قېتىم قاماقخانىغا بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما قانداق بىر جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەييارە نىجات ئولتۇرۇشلۇق تەۋەلىك ساقچىخانىسىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار ساقچى خادىمى 3 ‏-دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ داۋەن قاماقخانىسىغا بېرىپ سەييارە نىجات ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە قاماقخانا خادىملىرى دوختۇرخانا مەسئۇللىرىغا، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ساقچىلارغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى چىقمىغانلىقى ۋە ئائىلىسى بىلەن تېخىچە كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇنىڭ ساقچىلارنىڭ قايسى تەلەپلىرىگە ماسلاشمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، سابىق مەھبۇسلاردىن مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، تۇتقۇنلارنىڭ توقۇلما جىنايەتلەرنى ئۈستىگە ئالمىغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشنىڭ ۋە قىيىن-قىستاقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئەڭ يېقىندا غۇلا-غۇلا قوزغىغان، بىر قېتىملىق ئاخبارات گۇۋاھلىقىدا، تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جىنسىي چېقىلىشلىرىغىمۇ ماسلىشىش ۋە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى پاش قىلىنغان. بىز بۈگۈن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتتىن، سەييارە نىجات ھەققىدە دېيىلگەن «ماسلاشمىدى» دېگەن ئۇچۇرنىڭ، ئۇ دۇچ كەلگەن قانداق ئېھتىماللىقلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

زۇمرەت داۋۇت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى ماسلاشمىدى دېيىشى ئۈچۈن تۇتقۇنلارنىڭ كۆڭلى تارتمىغان تاماقنى رەت قىلىشتىن تارتىپ ساقچىلارنىڭ ئەخلاقسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىشىغا قەدەر مىڭلارچە سەۋەب تېپىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. سەييارەنىڭ بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە سۇنۇلغان دورىلارنى يېيىشنى رەت قىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ۋە ياكى ئۇنىڭ بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن لاگېردىكى مەنتىقسىز تەلىم-تەربىيەلەرگە قارىتا قايىل بولمىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. لاگېرلاردا تۈزۈمگە ئامالسىز بويسۇنىدىغان ئىتائەتچان تۇتقۇنلار كۆپ بولغىنىدەك، يەنە زوراۋانلىققا قىلچە باش ئەگمەيدىغان، بېشىغا ھەرقانداق بىر بالا كېلىشىدىن قارشىلىق كۆرسىتىشتىن يانمايدىغان تۇتقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئالاقىدار ساقچى خادىمى سەييارە نىجاتنىڭ مىجەزىنىڭ بىر كەسكىن ئىكەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغانىدى. زۇمرەت داۋۇت سەييارە نىجاتنىڭ لاگېردا جىنسىي چېقىلىشقا دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمىدى. زۇمرەتنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ ساقچىلار تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسى ياكى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئائىلىسىگە كۆرسەتمەسلىك ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

يۇقىرىدا غايىب دوختۇر سەييارە نىجاتنىڭ قاماقخانىدا ساقچىلارغا «ماسلاشمىغان» لىقى ئۈچۈن 4 يىلدىن بۇيان ئائىلىسىگە كۆرسىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.