مۇتەخەسسىسلەر: «شاڭخەي تىزىملىكى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ جازالاشنىڭ دەلىلى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-12
Share
خىتاينىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان «شاڭخەي تىزىملىكى» گە 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن «شاڭخەي تىزىملىكى» گە تېررورچىلار قاتارىغا تىزىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى.
RFA

خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان «شاڭخەي تىزىملىكى» ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا بولغان چۈشەنچىسى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا تېررورلۇقنى قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي دېتاللار بىلەن تەمىنلىگەن. بىز ئۆتكەن قېتىملىق پروگراممىمىزدا بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەردىن ياكى ئائىلە ئەزالىرى بۇ تىزىملىكتىكى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە كىشىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق.

بىز زىيارەت قىلغان بۇ كىشى ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئورتاق نۇقتىسى ئۇلارنىڭ بىرەر سىياسىي ھەرىكەت بىلەن چېتىشلىقى بولماسلىقى، ھەممىسىنىڭ سەنئەت، مائارىپ، نەشرىياتچىلىق، تىجارەت قاتارلىق قانۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغانلىقىدۇر. ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن خاككېرلار ئۆتكەن يىلى قولغا چۈشۈرگەن 10 مىڭ كىشىلىك بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. تىزىملىكتىكى مۇتلەق كۆپ قىسمى «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ كۆرسىتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە ساھەسىدىكى كىشىلەر بار.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىزىملىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تىزىملىك ساقچىنىڭ ئىچكى خىزمىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ گۇماندارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ھەتتا چەتئەلدىكى خىتايغا بېرىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان تىجارەتچىلەرمۇ، 5 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ تېررورلۇققا چېتىلىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بەردى. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقى بىزگە مەلۇم».

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تىزىملىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ جازالاۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. ئادرىيان زېنز: «خىتاينىڭ خەلقنى ئايرىماي، پەرقلەندۈرمەي ئومۇميۈزلۈك خالىغانچە گۇماندار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشتەك ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ ئادەمنى بەكمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالدۇر. چۈنكى، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر توپ سۈپىتىدە كوللېكتىپ جازالاۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.

بۇ تىزىملىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكىتىنى «رادىكاللىق»، «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى «زۆرۈر تەدبىرلەر» دەپ ئاقلاۋاتقان، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. «شاڭخەي تىزىملىكى» دە ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكىگە ئىزاھات بېرىلمىگەن.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرى قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى، بۇ تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبى ئۇلارنىڭ بۇ تىزىملىككە قارا-قويۇق كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر دۆلەت تېررورلۇق ھەققىدە جىددىي باش قاتۇرۇپ، ھەقىقىي تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى تاپايلى دېسە، ھېچقاچان بۇنداق تىزىملىك تۇرغۇزمايدۇ. ھېچ بولمىسا بۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئىشى، قىلغان تەييارلىقى بارمۇ، شۇنىڭغا قارايدۇ.»

مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تىزىملىك چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، ئۇلار ئالدىراپ خىتايغا بېرىپ سالماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ بارغانلارنىڭ تۇزاققا چۈشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» دىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ نۇقتىدا ئوخشاش پىكىردىكى چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي گۇناھسىز بولغان تەقدىردىمۇ، خىتايغا قايتسا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىش ياكى سوتلىنىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچىلەشتۈرۈپ، 2018-ۋە 2019-يىللىرى خىتايغا قايتقان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان ۋە لاگېرلارغا قامىغان. بۇ تىزىملىك يەنىلا چوڭ خەۋپ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دەپ قاراپ كەلدى. يېقىنقى تەرەققىياتتىن خىتاينىڭ نۇرغۇن كىشىنى لاگېردىن كېيىن ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى، تېررورلۇققا چېتىپ 25 يىلغا قەدەر كەسكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچنېمە قىلمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنىڭمۇ خىتايغا قايتىشى خېلىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، «شاڭخەي تىزىملىكى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنى، بەلكى ئۇيغۇرلارنى بىر خەلق سۈپىتىدە يوقىتىش نىيىتىنىڭ دەلىلى ئىكەن.

شون روبېرتس يېقىندا رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈپ نېگىزىدىن شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئ‍ۆكتىچىلىكنىڭ ھەرقانداق بېشارىتى گۇمانلىق تېررورلۇق، رادىكاللىق، ياكى بۆلگۈنچىلىكتۇر. شۇ تۈپەيلى بىزنىڭ كېيىنكى تۆت يىلدا كۆرگەنلىرىمىز، ھەتتا كىشىلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولۇشتىن بۇرۇنمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ پارتىيە كادىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيالىيلار تەبىقىسىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن كىشى غايىب بولدى. ماھىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى يوشۇرۇن تېررورلۇق تەھدىتى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە كىرىشتى.»

شون روبېرتس يەنە «شاڭخەي تىزىملىكى» بېيجىڭنىڭ ئۆتكەن 4 يىل جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خەۋپلىك، دەپ كەلگەن تونۇشىنىڭ پارچىسى ئ‍ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىنى ئ‍ېلىش خاراكتېرلىك بۇ خىل ئامانلىق سىياسىتى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ھېچقانداق ئىش قىلمىغان كىشىلەرنىمۇ تەھدىت، دەپ قارىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئىدىيە ئۇلار(ئۇيغۇرلار) بىر خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن ياكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتكە تەھدىت، دەپ قارايدىغان بىرەر ئىشنى قىلىشى مۇمكىن، دېگەنگە تايانغان».

مەلۇم بولۇشىچە، «شاڭخەي تىزىملىكى» دە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سەرخىللىرىدىن تارتىپ ئاۋام پۇقرالىرىغىچە، 5-6 ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ، 80 نەچچە ياشلىق ياشانغانلارغىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارغىچە كەڭ ساھەلەردىكى كىشىلەر بار. تىزىملىكتىكى 7600 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇرۇشلۇق ئورنى، كىملىك نومۇرى، مىللىتى، جىنسى قاتارلىق تەپسىلاتلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت