ئاندېرس كور: «خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.05.16
anders_corrning_maqale.JPG ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئاندېرس كورنىڭ يېقىنقى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان تور بېتى- jpolrisk.com.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كرىزىس ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شۇنداقلا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ماكانى ھەققىدە ئامېرىكادىكى شۇنداقلا ئىنگلىز تىللىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەرگە ئاممىباب شەكىلدە چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، «سىياسىي خېيىم-خەتەر ژۇرنىلى» نىڭ ساھىبى ئاندېرس كور بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكتور ئاندېرس كور يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى يېزىش ھەمدە لېكسىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەرنى غەرب دۇنياسىدىكى قىزىققۇچىلارغا تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى سىياسەتلەر» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەقسەدلىرى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقىلىدۇ. 

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىگە دائىر بىرنەچچە مۇھىم نۇقتىلار بويىچە پىكىر يۈرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىغا غەرب دۇنياسىنىڭ ياردەم بېرىشى زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلاردۇر. 

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھېچبولمىغاندا 1933-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى بۇ زېمىننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ ئۇنى مۇستەملىكە قىلىش، ئۇ جايدىكى بارلىق مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى تۈگىتىپ ئۇنى خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ خىلدىكى زىددىيەت سەۋەبىدىن بۇ جايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى تەشۋىق قىلىپ، «تېررورلۇق ۋە زورلۇق كۈچى» ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتىشنى ئارزۇ قىلىشقا مەجبۇرلانغان. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاخىرقى سىناققا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە بۇ خىل ئارزۇ تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مۇشۇنداق ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ھەقلىق» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. 

بىز دوكتور ئاندېرس كور بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتتە بولغىنىمىزدا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ھېچقانداق تاللاش ئىمكانى قالمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقنى تاللاش ھەققى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

«مېنىڭ قارىشىمدا ھازىر ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب بولۇۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى يوقىتىلىۋاتىدۇ، كۆپلىگەن داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى لاگېرلارغا قامىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىلا پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. خىتايلارنى مەركەز قىلغان ئىرقچىلىق خاھىشى ھەممىلا يەرگە يامراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان مۇشۇ خىلدىكى بارلىق تاشقى ئامىللارنى بىر يەرگە جەملىگىنىمىزدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ساندىكى نوپۇسى بولغان بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا راستىنىلا ھەققى بارىكەن، دېگەن يەرگە كېلىمىز. مۇستەقىللىق پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسچىلىرىدىن توماس خوببېس ‹بىر مىللەت ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا ئۇلار باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنى قوغداش ھەمدە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى تاللاشقا ھەقلىق› دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ يەردە تىنچلىق شەكلىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھەمدە قورقۇمسىزلىقنى ئاساس قىلغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ زورلۇق كۈچ ھەرىكىتى دېگەنلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى زورلۇق كۈچ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى مۇستەقىللىقنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇپ تاشلاشقا چىشىنى بىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ.»

دوكتور ئاندېرسنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىكى ئەڭ زور توسالغۇلارنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيىسى. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئاپەت بولىدىغانلىقى بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنى جەزمەن ئاجىزلاشتۇرۇش لازىم. شۇنداق بولغانىكەن، «مۇستەقىل بولۇشقا ھەقلىق» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسمى بولىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر ئورتاق تەھدىت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن ھەپىلىشىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە. چۈنكى خىتاي مۇشۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› ئارقىلىق ئۆز پايدىسىغا ئىشلەيدىغان قىلىشنىڭ قەستىگە چۈشۈۋاتىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنياغا يولباشچىلىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى توسالغۇسىز داۋام قىلسا دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قىممىتى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا داۋاملىق كېپىللىك قىلىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن. شۇنداق بولغانىكەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى لازىم. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان دېموكراتىيە ۋە خەلقئارالىق سىستېما ئۈچۈنمۇ مۇھىم»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا بىۋاسىتە قول تىقىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى لاگېرلار سىستېمىسى مۇشۇنى باھانە قىلىپ غايەت زور ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ تېزدىنلا ئېتنىك قىرغىنچىلىققا يۈكسىلىش ئېھتىماللىقىمۇ يىراق ئەمەس. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە غەرب دۇنياسى ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى باشقىچە شەكىللەردىمۇ قوللاشنى ئويلىشىپ باقسا تامامەن بولىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشلارنى تىنچلىق شەكلىدە قىلىش تامامەن مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدا ئۇنچە كۆپ خەتەرلەرمۇ يوق. يەنە كېلىپ بۇ ئىشلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ۋاشىنگتون شەھىرى، تەيۋەن دېگەندەك جايلاردا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بىز ھازىر بۇ جايلاردا كۆپلىگەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم تۈركىي تىللىق خەلقلەر بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىپ بەزى نامايىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى قۇربى يېتىشىچە بۇ خىلدىكى ئىشلارنى قىلىشقا تاشلاپ قويۇشنىڭ ئورنىغا ھەرقايسى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ماددىي مەبلەغ بىلەن كۆپلەپ تەمىن ئېتىشى، بۇ تەشكىلاتلارغا ئارقا تىرەك بولغان ھالدا ئۇلارغا داۋاملىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلىرىنى يەتكۈزۈشى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى تامامەن مۇمكىن.»

مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ئىنتىلىشلىرىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا قوللىشى تارىختا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر 1944-يىلى قۇرۇلغان 2-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قوللىشىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى، دەپ قارايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.