ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.07.03
sherqiy-turkistan-wexpisi-36-04

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-01

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-03

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-05

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-02

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-06

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

sherqiy-turkistan-wexpisi-36-07

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 46-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ئىيۇن كۈنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى شۇنداقلا ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ 1978-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، قۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا مەھمەت سايىت بىلگىچ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ھەمىدۇللا تارىم ۋە باشقا بىر توپ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىرمۇبىر ئەسلىتىپ ئۆتتى.

پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى يالغۇز شەرقىي تۈركىستان ئەمەس بەلكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت قىممەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، خىزمەت-پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ئەسەرلەر ئېلان قىلىش، تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت».

پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار، 1982 يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى قارمىقىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» نامدا بىر ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەكلىپى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنى نەشرگە تەييارلاشتا ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1986-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ئۇيغۇر گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ رەئىسلىكىدە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە پائالىيەت باشلىغان. ۋەخپىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشىدە يەنە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىدارە ھەيئەتتە ئورۇن ئالغان.

ئابدۇلھەمىد ئاۋشار، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنى قوغداش ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى يولىدا بەك كۆپ توسالغۇغا چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، بولۇپمۇ 1997-يىلى مەسئۇد يىلماز باش مىنىستىر بولغان دەۋردە، شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى، بايراقلارنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىغا ئېسىشىنى چەكلەش ھۆججىتى چىقىرىلغانلىقى، لېكىن گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ شۇنچە چەكلىمە ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۆتۈپ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنى قوغدىغانلىقى ھەم شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا قاتناشقان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن پىروفېسسور ئىسرافىل قۇرۇلئاي ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەر زامان ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ھەر ۋاقىت قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئىلھان تۇرانلى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشارغا ۋە دوكتور مۇھىتتىنجان ئۇيغۇرغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى ۋە تەشەككۈر بىلدۈردى.

بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ 46 يىللىق تارىخى جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى شەرقى تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنى مەرھۇم لىدېرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بىرلىكتە 1978-يىلى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، سىياسىي، تارىخ ۋە ئىقتىسادى ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قۇرۇلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق يىغىنلار، ھەر خىل تۈردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن، 1980-يىلىدىكى تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ۋەخپىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توختىتىلغان بولۇپ، كېيىن مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن بۇ ۋەخپە قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ھەم ئۇنىڭ قۇرۇلۇشتىكى غايە-مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت باشلانغان. مەھمەت رىزا بېكىننىڭ گېنېرال بولۇشى ۋە سىياسىي ساھەدە تونۇشلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى كۆپلىگەن خىزمەت-پائالىيەتلەرنى روياپقا چىقىرىشتا ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان، بۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركىيەنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش بولۇپ، مەزكۇر ئورگان كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈپ ئوقۇش شارائىتى تەييارلاپ بەردى، نەتىجىدە ھازىر تۈركىيەنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ يېتىشكەن كىشىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە يىغىن ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى، مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇقەددەس شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا خىزمەت قىلغان بۈيۈكلىرىمىزدىن ۋاپات بولغانلارغا ئاللادىن رەھمەت، ھايات ياشاۋاتقانلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن».

ئىلھان تۇرانلى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ غايە-مەقسەتلىرىگە يېتىش يولىدا يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىمىزنىڭ قۇرۇلۇشتىكى غايە-مەقسەتلىرى يولىدا ھەقلىق دەۋايىمىزنى قوغداش، ئىگە چىقىش ئۈچۈن خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇۋاتىمىز، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەلىم-تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، دەۋا يولىدا بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەلچىخانىسى دەپ قارايمىز، بۇ مۇھىم ئورۇندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن بىز ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز، مەن پۈتۈن قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.