تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان پىراكتىكانتلىرى پىروگراممىسى» ناملىق بىر تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى. كۇرستا ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بويىچە تەربىيەلىنىدىغان بولۇپ، كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 13-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.
تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ پىروگراممىغا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن 26 نەپىرى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىغا تاللانغان پىراكتىكانت ياشلاردىن باشقا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شەرقىي تۈركىستان پىراكتىكانتلىرى پىروگراممىسىغا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوغۇل قىز ياشلار تاللانغان. ئۇلار بىلىم سەۋىيەسىگە قاراپ، سىياسىي پائالىيەت ۋە مۇناسىۋەت، تەتقىقات ۋە ئانالىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇ باشقۇرۇش ۋە ئىش-پىلان لايىھەلىرىنى تۈزۈش ساھەلىرى بويىچە تۆت بۆلۈمگە ئايرىلىپ ئەمەلىي پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان پىراكتىكانتلىرى پىروگراممىسىغا 80 ئوقۇغۇچى ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ بۇلاردىن 26 ئوقۇغۇچى رەسمىي قوبۇل قىلىنغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە، قازاقىستان، تاتارىستان، ئۆزبېكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشتۇرۇلغان.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مەركىزىدە ۋەزىپە ئېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە بارا-بارا ئورۇن ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئېھتىياجى بولغان قوللاشقا ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك دىققەت تارتالمايۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار كۈنىمىزدىكى ۋەزىيەتكە ماسلاشقان ئاساستا، ھەقىقىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بىلەن تەشكىللىك بىر شەكىلدە خىزمەت قىلىشى كېرەك».
ئۇ، ئەنە شۇ خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان ياشلارنىڭ بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ پىروگراممىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە مۇستەقىللىق كۈرەش يولىدا مېڭىش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى پىراكتىكا پىروگراممىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان پىراكتىكانتلار پىروگراممىسىنىڭ غايە-نىشانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى يولىدىكى دەۋا خىزمەتلىرىنى كەسپىيلەشتۈرۈش ۋە يېڭى يېتىلىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ تەشكىلىي خىزمەتتە رول ئېلىشنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق تەشكىلات سېپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى تەمىنلەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى چۈشىنىش، تەشكىلاتلار بىلەن تونۇشۇش، كەسپىي بىلىملەر ۋە ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ھەم خىزمەت تەجرىبىسىگە ئېرىشىش شۇنداقلا دەۋا سېپىگە ياشلارنى قوشۇش مەقسىتىدە مەزكۇر تەربىيەلەش پىروگراممىسى يولغا قويۇلدى».
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ۋە پىراكتىكانتلارنىڭ بۆلۈم مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ بۆلۈمىدىكى خىزمەت پىروگراممىلىرىنى ۋە پىراكتىكانتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مۇراسىم پىراكتىكانتلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىنى ئاساس قىلغان شەكىلدە داۋاملىشىپ، پىراكتىكانتلارنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشلەر ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر پىروگرامما، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش پىروگراممىسى» باشلانغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.